باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا سودىگەر ساختا «ھۆكۈمەت زاپاس گۆشى»نى ساتقان

2013.02.17 14:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاغان جەريانىدىكى بازار ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بازارغا ھۆكۈمەتنىڭ زاپاس گۆشىنى سالغان ، ئەمما شىنجاڭ شىخەنزە بازىرىدا ساختا «ھۆكۈمەت زاپاس گۆشى» پەيدا بولۇپ قالغان، قانۇنسىز سودىگەرلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، سۇنى لېيىتىپ بېلىق تۇتۇپ، توخۇ، ئۆردەك گۆشى بىلەن كالا، قوي گۆشى ياسىغان.

  ئىككى كۈندىن بۇيان، شىخەنزە سودا-سانائەت ئىدارىسى ئارقا-ئارقىدىن شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ شەھەر ئىچىدىكى بىر نەچچە ئەتىگەنلىك بازار، كۆكتات بازىرى قاتارلىق ئورۇنلاردا كىشىلەرنىڭ ساختا، ناچار «ھۆكۈمەت زاپاس گۆشى» سېتىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئىنكاسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان.

  تەكشۈرۈشتە بازاردا ھەقىقەتەن قىسمەن سودىگەرلەرنىڭ ساختا زاپاس گۆش سېتىۋاتقانلىقى، ئورىلىشى ئاددىي بولغان بۇ توڭلىتىلغان گۆشنىڭ ئۈستىدە گۆشنىڭ تەركىبى، ئېغىرلىقى، ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى، زاۋۇت ئىسمى ۋە ئادىرېسى قاتارلىق مەزمۇنلارنىڭ تەپسىلىي يېزىلمىغانلىقى، پەقەت قىسمەن پىلاستىك ئورالمىنىڭ سىرتىغا XX ماركىلىق «سېرىق كالا» قاتارلىق خەتلەر يېزىلغان بولۇپ، سودىگەرلەر يالغاندىن «ھۆكۈمەتنىڭ زاپاس گۆشى» دەپ ئاتىۋالغانلىقىنى، ھەمدە كىلوسىنى 15-20 يۈەندىن ساتقانلىقىنى بايقىغان.

  دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ گۆش تۈرمىلىنىڭ ھەممىسىنىڭ توخۇ گۆشى، ئۆردەك گۆشى ياكى كالا، قوي گۆشلىرىنىڭ ئۇۋاق پارچىلىرىنى توڭلىتىپ، ئىلەشتۈرۈپ ياسالغانلىقى، مەخسۇس ساماۋەر شورپىسىغا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى، گۆش تۈرمىلى پىشقاندىن كېيىن پەقەت شەكلى يوقاپ، ھەممىسىنىڭ ئۇۋاق پارچە بولۇپ كېتىدىغانلىقى، ھەمدە ئازراقمۇ كالا، قوي گۆشى تەمىنىڭ يوقلۇقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش خادىملىرى بازاردىكى بارلىق ساختا «زاپاس گۆش»نى يىغىۋالدى، ھەمدە ساختا، ناچار مەھسۇلاتلارنى ساتقان سودىگەرلەرگە دېلو تۇرغۇزۇپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە