باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى: كۆمۈر كانلاردا 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا جىددىي ئەھۋالدا بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش قۇدۇقى قۇرۇلىدۇ، يىل ئىچىدە ئالتە چوڭ بىخەتەرلىك سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پۈتكۈزىدۇ

2013.02.17 16:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، دۆلەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ۋە دۆلەت كۆمۈركان بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش ئىدارىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، كۆمۈر كان قۇدۇقلىرىدا خەۋپ-خەتەردىن جىددىي ساقلىنىش سىستېمىسىنى ئورنىتىش ۋەزىپىسىنى نۇقتىلىق تەكىتلەپ، بارلىق كۆمۈركانلىرىدىن ئەسلىدىكى پىلان بويىچە 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  كۆمۈر كان قۇدۇقلىرىنىڭ خەۋپ-خەتەردىن جىددىي ساقلىنىش سىستېمىسى كانچىلىق ساھەسىدە «نوھ كېمىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ 2010-يىلدىكى «كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»ىدا، كۆمۈر كانلىرى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا كانلار ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ۋە جابدۇق ئۆلچىمىنى بېكىتىپ ۋە يولغا قويۇپ، تەكشۈرۈش-تىزگىنلەش سىستېمىسى، قۇدۇق ئىچىدىكى خادىملارنىڭ ئورنىنى بەلگىلەش سىستېمىسى، خەۋپ-خەتەردىن جىددىي ساقلىنىش سىستېمىسى، بېسىملىق شامالدۇرغۇچ ئارقىلىق ئۆز ئۆزىنى قۇتقۇزۇش سىستېمىسى، سۇ يەتكۈزۈش-قۇتقۇزۇش سىستېمىسى ۋە ئالاقىلىشىش سىستېمىسى قاتارلىق تېخنىكىلىق جابدۇقلارنى ئورنىتىش ھەمدە 3 يىل ئىچىدە تاماملاپ بولۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان.(مۇخبىر باۋ دەن؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە