باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەن 3- قېتىم يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشتىن ئىلگىرى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ماتورىنى سىناق قىلدى

2013.02.18 15:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 18-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:كورىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 17- فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 12-فېۋرال چاۋشيەن 3- قېتىم يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشتىن ئىلگىرى يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ماتورىنى سىناق قىلغان. بۇنىڭدىن كورىيە چاۋشيەن يېقىنقى مەزگىلدە قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشى مۇمكىن دەپ ئەندىشە قىلغان.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كورىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋەرچى ئەربابى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: چاۋشيەن تېخى سىناق قىلمىغان«KN_08 »بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئېتىلىش مۇساپىسىنى ئۇزارتىش ۋە قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا دەرىجىسىگە يەتكۈزۈش يەنى 5000 كىلومېتىردىن ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، شۇڭا ماتور سىنىقى قىلغان. ئەگەر بۇنىڭدا مۇۋەپپەقىيەت قازانسا،« KN_08 » بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئەمەلىي ئۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېھتىمالى بار ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە