باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لياۋنىڭ ئۆلكىسى «پىلان سىرتىدا پەرزەنتلىك بولغان ئەزا»نىڭ ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسىلىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلدى

2013.02.16 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-چېسلا شېنياڭدىن بەرگەن خەۋىرى: يېقىندا تور مۇنبەرلىرىدە لياۋنىڭ ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، جىنجۇ شەھەرلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لى چىڭشەننىڭ «كۆپ خوتۇن ئېلىش»، قوش نىكاھلىنىش، پىلان سىرتىدا بالىلىق بولۇش، قورالغا چېتىلىش قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك مەسىلىلىرى ئاشكارىلانغانىدى.

  مۇخبىرنىڭ ئېگىلىشىچە، ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى لى چىڭشەننىڭ توردا پاش قىلىنغان پىلان سىرتىدا بالىلىق بولۇش مەسىلىسى راست بولۇپ، ئىنكاس قىلىنغان باشقا مەسىلىلەر ئىنىقلىنىۋېتىپتۇ. لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى لى چىڭشەننى ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسىلىق سالاھىيىتىدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلغان. ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن، جىنجۇ شەھرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى لى چىڭشەننى جىنجۇ شەھەرلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى، دائىمىي ھەيئىتى، مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغان.

  ئۇنىڭدىن باشقا، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ ئالاقىدار تارمىقى ئۇنى ئۆلكىلىك باش سودا جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئۆلكىلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى قاتارلىق ۋەزىپىلىرىدىن قالدۇرغان.(خې يۇڭ خەۋىرى ؛جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە