- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
پاكىستاندىكى ئاپتوموبىلبومبا ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 84كە يەتتى
2013.02.18 14:30 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
پاكىستان ئىسلامئاباد 17-فېۋرال تېلېگراممىسى : پاكىستان ساقچى تەرەپنىڭ 17-فېۋرال دەلىللىشىچە ، پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى شەھەر Quetta دىكى بىر بازاردا 16-فېۋرال يۈز بەرگەن ئاپتوموبىلبومبا ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى نۆۋەتتە 84 كە يەتكەن ، بۇنىڭدىن باشقا، ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 173 ئادەم يارىلانغان .
پاكىستان بالۇچىستان ساقچى تەرەپ ، شۇنداقلا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، پارتلاش 16-فېۋرال چۈشتىن كېيىن سائەت 5:40 دا ، Quetta دىكى شىئە مەزھىپىدىكىلەر توپلاشقان بىر رايوننىڭ بازىرىدا يۈز بەرگەن ، بومبا بىر ماي توشۇيدىغان ئاپتوموبىلنىڭ باكى ئىچىگە سېلىپ قويۇلغان بولۇپ ، ئاز دېگەندە 63 ئادەم نەق مەيداندا قازا قىلغان ، 21 ئادەم قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي دوختۇرخانىدا قازا قىلغان ، بۇنىڭدىن باشقا، يەنە يارىسى بىر قەدەر ئېغىر بولغان 20 ئادەم ئايروپىلان بىلەن پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى پورت شەھىرى كاراچىدىكى دوختۇرخانىلارغا جىددىي يۆتكەلگەن .
بومبا چۇۋۇش قىسمىنىڭ ئېيتىشىچە ، بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا تەخمىنەن بىر توننا پارتلىتىش دورىسى ئىشلىتىلگەن ، پارتلاشتا نەچچە ئون ئاپتوموبىل ، شۇنداقلا ئەتراپتىكى تۆت بازار ۋەيران بولغان . يەرلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھۆكۈمەت ئەمەلدىن قالدۇرغان رادىكال تەشكىلات بۇ ھۇجۇمنى قوزغىغانلىقىنى جاكارلىغان .
17-فېۋرال ، شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار پاكىستاننىڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلىرىدە نامايىش قىلىپ ، ھۆكۈمەتنىڭ شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلارنى يېتەرلىك بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلىمىگەنلىكىگە ئېتىراز بىلدۈرگەن ۋە تېزراق پەردە ئارقىسىدىكى جىنايەتچىنى تۇتۇشنى تەلەپ قىلغان . بالۇچىستان ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ھۆكۈمەتنىڭ ئىمكانقەدەر ئەڭ تېز سۈرئەتتە بۇ ئۆلكىنىڭ تىنچلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى ، شۇنداقلا ھەر بىر قازا قىلغۇچىنىڭ ئائىلىسىگە بىر مىليون رۇبلى(تەخمىنەن 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا باراۋەر) تۆلەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان . پاكىستان زۇڭتۇڭى زەردارى ۋە زۇڭلىسى ئەشرەف بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىگەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە