باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پاكىستاندا بىر بازار ئاپتوموبىلبومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

2013.02.17 13:54         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 16-فېۋرال، پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى شەھەر Quettaدىكى بىر كۆكتات بازىرى ئاپتوموبىلبومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، نۆۋەتتە، 79 ئادەم قازا قىلىپ، 180دىن كۆپ ئادەم يارىلانغان.

  پارتلاش شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئالتە ئەتراپىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بىر نېفىت توشۇغۇچى ئاپتوموبىل ئىچىگە سېلىپ قويۇلغان بومبا بۇ بازاردا پارتلىغان. بومبىنىڭ ئېغىرلىقى 800 كىلوگرام ئەتراپىدا بولۇپ، كۈچى ناھايىتى زور بولغاچقا، ئەتراپتىكى ئىككى قەۋەتلىك بىر قۇرۇلۇشمۇ پارتلاشتا پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان.

  ساقچىلار نۆۋەتتە قۇرۇلۇش خارابىلىرى ئىچىدىن 79 ئادەمنىڭ جەسىتىنى بايقىغانلىقىنى، ئەمما، خارابىلىككە قاپسىلىپ قالغان يەنە باشقا كىشىلەرنىڭمۇ بار بولۇش مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان. نۆۋەتتە، قۇتقۇزۇش خادىملىرى قۇتقۇزۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، بىراق خارابىلىكتىن ھايات قالغان كىشىلەرنى تېپىش ئۈمىدى ناھايىتى ئاز ئىكەن. پاكىستان بالۇچىستان ئۆلكىسىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئېيتىشىچە، دوختۇرخانىلار ئاللىقاچان جىددىي ھالەتكە كىرگەن بولۇپ، قازا قىلغان-يارىلانغانلارنىڭ سانى يەنىمۇ ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە