باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل شىنجاڭ مالىيەسى 28 مىليون يۈەن ئۆسۈم ياردىمى مەبلىغى ئاجرىتىپ گۆش قويى باقمىچىلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ

2013.02.19 08:53         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭنىڭ يەرلىك قويى يىلدا پەقەت بىرنىلا تۆللەيدۇ، بىراق، ئىلمى تەتقىقات، پەن-تېخنىكىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا شىنجاڭدا كۆپ تۆللەيدىغان گۆش قويى باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرغاندا، مەھسۇلات مىقدارى بىر ھەسسە ئاشىدۇ.

  16-فېۋرال، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى 2013-يىللىق خەلق تۇرمۇشىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل بىلەن گۆش قويى باقمىچىلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل يولغا قويىدىغان 100 تۈرلۈك نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتكەن. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز مالىيەسى 28 مىليون يۈەن ئۆسۈم ياردىمى مەبلىغى ئاجرىتىپ، گۆش قويىنى يۇقىرى ئۈنۈمدە كۆپەيتىش، كۆچمەن چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، قوتاندا گۆش قويى بېقىش ئۈلگە تۈرلىرىگە بېرىلىدىغان 700 مىليون يۈەن بانكا قەرزىنى ئۆسۈم ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە