جۇڭگو كېمە زاۋۇتى «تىتانىك-2»نى ياسىماقچى
ئاۋىستىرالىيەلىك باي مەبلەغ چىقاردى
2013.02.18 16:50 مەنبە: خەلق تورى
جۇڭگو چاڭجياڭ سۇ تىرانسىپورتى گۇرۇھى جىنلىڭ پاراخۇت زاۋۇتىنىڭ باشلىقى گې بياۋ 16- فېۋرال مۇنداق دېگەن: زاۋۇتتا مەخسۇس بەنزە قۇرۇپ، كۆپ خىل يۇمشاق ۋە قاتتىق ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «تىتانىك-2»نى ياساش ۋەزىپىسىنى ئۈستىمىزگە ئېلىش ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق كۆردۇق. پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككەن بۇ پاراخوتنى ئوبدان پۈتكۈزۈپ، جۇڭگو پاراخۇتلىرىنى دۇنيا بازىرىغا يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشالايدىغانلىقىمىزغا ئىشەنچىمىز كامىل.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە