باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ تەبىئىي گاز سۈركىلىشى يەنە باشلاندى

2013.02.19 16:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 18-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:رۇسىيە تەبىئىي گاز سانائەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى ئالېكساندر مېدېۋېدېۋ تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: گەرچە ئۇكرائىنا رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن رۇسىيە ئۇكرائىنا 2012-يىلى رۇسىيەدىن سېتىۋالغان تەبىئىي گاز يېتەرلىك بولمىغانلىقىغا 7 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى جەرىمانە تۆلىشى كېرەك. شۇنداق قىلىپ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ تەبىئىي گاز سۈركىلىشى يەنە باشلاندى.

  رۇسىيە تەبىئىي گاز شىركىتى بۇ يىل 1-ئاينىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ تەبىئىي گاز توختىمىغا ئاساسەن، ئۇكرائىنا ھەر يىلى رۇسىيەدىن ئاز دېگەندە 41 مىليارد 200 مىليون كۇپ مېتىر تەبىئىي گاز سېتىۋېلىشى كېرەك، لېكىن ئۆتكەن يىلى ئۇكرائىنا رۇسىيەدىن 24 مىليارد 900 مىليون كۇپ مېتىر تەبىئىي گاز سېتىۋالدى. شۇڭا رۇسىيە شىركىتى ئۇكرائىنادىن 7 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى جەرىمانە تۆلەشنى تەلەپ قىلدى.

  رۇسىيە تەبىئىي گاز شىركىتى جەرىمانە قويۇشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، ئۇكرائىنا بۇنى دەرھال رەت قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە