- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
2020-يىلى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاش ئېلىپ تۇرۇپ دەم ئېلىشى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلىيلىشىدۇ
ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئەتىيازلىق-كۈزلۈك تەتىل ئۈستىدە ئىزدەنسە بولىدۇ
2013.02.19 16:53 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 18-چېسلا «پۇقرالارنىڭ ساياھەت-ئىستىراھەت پىروگراممىسى (2013 ـــــ 2020) (تۆۋەندە قىسقارتىپ «پىروگرامما» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلىپ، 2020-يىلىغا بارغاندا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاش ئېلىپ تۇرۇپ يىللىق دەم ئېلىش تۈزۈمىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلىيلىشىدىغانلىقىنى، پۇقراۋى كارخانىلار، خادىم ياللىغان يەككە سودا-سانائەتچىلەر قاتارلىق ئورۇنلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ دەم ئېلىشى كاپالەتلەندۈرۈلىدىغانلىقىنى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئەتىيازلىق-كۈزلۈك دەم ئېلىش ئۈستىدە ئىزدەنسە بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.(ۋاڭ كې خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە