- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


چاۋىس دۆلىتىگە قايتىپ كەلدى
2013.02.19 14:26 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
 |
18-فېۋرال ، زۇڭتۇڭ چاۋىسنىڭ قوللىغۇچىلىرى ۋېنسۇئېلا پايتەختى كاراكاستىكى چاۋىس ئورۇنلاشقان دوختۇرخانا ئەتراپىدا ئۇنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى تەبرىكلەشمەكتە
|
18-فېۋرال سەھەر، ۋېنسۇئېلا زۇڭتۇڭى چاۋىس ئويلىمىغان يەردىن تۇيۇقسىزلا دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەن . كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، چاۋىس كۇبادا كېسىلىنى داۋالىتىۋاتقان ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا ، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ Maduro دۆلەتنى باشقۇرۇپ كەلگەن . ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ ئېيتىشىچە ، چاۋىسنىڭ دۆلىتىگە قايتىپ كېلىشىنىڭ سەۋەبى ھازىرچە تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، ئۆكتىچىلەر ھۆكۈمەت تەرەپتىن زادى كىمنىڭ بۇ دۆلەتنى باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان .
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 18-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ كۈنى چاۋىس دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان ۋە ‹‹ئاخىرى ۋەتىنىمگە قايتىپ كەلدىم ، تەڭرىگە رەھمەت ، خەلقىمگە رەھمەت ، ئەمدى كېسىلىمنى مۇشۇ يەردە داۋالىتىمەن ›› دېگەن ۋە ئايروپىلاندىن چۈشكەندىن كېيىن ، داۋاملىق داۋالىنىش ئۈچۈن كاراكاستىكى بىر ھەربىي دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشقان .
رېيتېر ئاگېنتلىقى ‹‹ چاۋىسنىڭ سەھەردە دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەنلىكى ئۇنىڭ كېسىلىنىڭ ياخشىلىنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ ، ھېچبولمىسا ، ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى نەچچە سائەتلىك ئايروپىلان سەپىرىگە بەرداشلىق بېرەلەپتۇ ›› دېگەن . باشقا چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى بولسا ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ‹‹يا ياخشىلىنىۋاتىدۇ ۋە ياكى ئەكسىچە بولۇپ ، يامانلىشىۋاتىدۇ ›› دەپ ئىككى خىل پەرەز قىلىشقان .
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە