خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. 2013-يىلى 18-فېۋرال سائەت 11 ئەتراپىدا، گۇيجۇ چيەندوڭنەن ئوبلاستى كەيلى شەھىرى لوڭچاڭ بازىرىدىكى يۈدوڭ كەنتىدە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن تاغ گەۋدىسى 100 مىڭ كۇب مېتىرغا يېتىپ، نۇرغۇن ئادەملەر قاپسىلىپ قالدى، نۆۋەتتە كونكرېت ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.
مۇخبىرنىڭ 18-فېۋرال گۇيجۇ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، گۇيجۇ كەيلى شەھىرى لوڭچاڭ بازىرىدىكى يۈدوڭ كەنتىدە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈشتەك گىئولوگىيەلىك ئاپەت يۈز بەرگەن، گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن تاغ گەۋدىسى تەخمىنەن 100 مىڭ كۇب مېتىر ئىكەن، نۆۋەتتە چيەندۇڭنەن ئوبلاستى ۋە كەيلى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى نەق مەيدانغا بېرىپ، ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشنى تەشكىللەۋېتىپتۇ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىشخانىسى ئۆلكىلىك زېمىن بايلىقى نازارىتىگە مۇتەخەسىس تەشكىللەپ نەق مەيدانغا بېرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى تاپشۇرغان، نەق مەيداندا كۆمۈلۈپ قالغانلارنىڭ ئەھۋالى تەكشۈرۈلمەكتە.
بۇنىڭدىن بۇرۇن، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ مىكرو بىلوگى «شىنخۇا نەزىرى» دە خەۋەر ئېلان قىلىپ، ۋەقەدە بىر خىزمەت ئۆيىنىڭ كۆمۈلۈپ قالغانلىقى، ئاز دېگەندە تۆت ئادەمنىڭ كۆمۈلۈپ قالغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.
سائەت 14:50 مىنۇت ئۆتكىچە، بەش ئادەمنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى، ئالتە قاتار ئۆينىڭ كۈمۈلۈپ قالغانلىقى ئېنىقلانغان. كۆمۈلۈپ قالغان ئادەملەرنىڭ ئېنىق سانى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ.