باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2020-يىلىدىن تارتىپ مائاشلىق دەم ئېلىش ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ

2013.02.19 15:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى: كۆپچىلىك دىققەت قىلىۋاتقان «پۇقرالارنىڭ ساياھەت، دەم ئېلىش پىروگراممىسى» 18-فېۋرال رەسمىي ئېلان قىلىندى، بۇ-ساياھەتچىلىك ھەققىدىكى بىر مۇھىم ئىش بولۇپ، ئاددىي پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنغان «پۇقرالارنىڭ ساياھەت، دەم ئېلىش پىروگراممىسى» جەمئىي ئۈچ قىسىم، 12 ماددا. بۇنىڭ ئىچىدە، مائاشلىق دەم ئېلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى جەمئىيەت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: تەرەققىيات نىشانىدا، پۇقرالارنىڭ ساياھەت، دەم ئېلىش ئېڭى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەم مائاشلىق دەم ئېلىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەكىتلەندى، 2020-يىلىغىچە، ئىشچى-خىزمەتچىلەر مائاشلىق دەم ئېلىش تۈزۈمىنى ئاساسەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھاللىق جەمئىيەت بىلەن ئۇيغۇنلاشقان پۇقرالار ساياھەت، دەم ئېلىشىنىڭ زامانىۋى سىستېمىسى تۈپتىن ئورنىتىلىدۇ.

  پىروگراممىدا پۇقرالارنىڭ ساياھەت، دەم ئېلىش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 2012-يىللىق تاۋۇز چاغىنى، دۆلەت بايرىمىلىق ئۇزاق دەم ئېلىشنىڭ ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈلۈپ، مائاشلىق دەم ئېلىش تۈزۈمىنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بىرىنچى، مائاشلىق دەم ئېلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا بولغان نازارەت، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ دەم ئېلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتىكى قانۇن ياردىمىنى چىڭىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛

  ئىككىنچى، ئورگان، تەشكىلات، كارخانا كەسپىي ئورۇنلىرىنىڭ شارائىت يارىتىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە يىللىق دەم ئېلىش ۋاقتىنى جانلىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلىشىگە ئىلھام بېرىلدى؛

  ئۈچىنچى، پۇقراۋى كارخانىلار ۋە كارخانىدىن باشقا ئورۇنلار، ئىشچى ياللىغان يەككە سودا-سانائەتچىلەر قاتارلىق ئورۇنلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ دەم ئېلىش كاپالىتى تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مائاشلىق دەم ئېلىش كاپالىتىنىڭ تولۇق قاپلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ۋاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: مائاشلىق دەم ئېلىشنى بىراقلا ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولمايدۇ. فىرانسىيەنى مىسالغا ئالساق، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى مائاشلىق دەم ئېلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، 70-يىللارغا كەلگەندە ئاندىن ئەمەلىيلەشكەن. ئېلىمىزنىڭ «پۇقرالارنىڭ ساياھەت، دەم ئېلىش پىروگراممىسى» تۈزۈپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، قەدەم-باسقۇچ بويىچە تەدرىجىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. بۇندىن باشقا، پىروگراممىدا يەنە ئوقۇغۇچىلارنى تەتىلگە قويۇش ۋاقتىنى تەڭشەش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، كەلگۈسىدە، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تۆت قېتىم تەتىل قىلىنىشى مۇمكىن. تەتىلگە قويۇش ۋاقتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ئۆزگەرمىگەن ئەھۋالدا، ئالىي مەكتەپلەر ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، قىشلىق، يازلىق تەتىل ۋاقتىنى تەڭشىسە، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئەتىيازلىق ياكى كۈزلۈك تەتىلگە قويۇپ بېرىش ئۈستىدە ئىزدەنسە بولىدۇ. ئۇزۇندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ساياھەتچىلىكى تاماشا ساياھىتىنى ئاساس قىلىپ كەلدى، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ساياھەت ئىستېمال ئېھتىياجى تەدرىجىي ئاشتى، بولۇپمۇ دەم ئېلىش، ئارام ساياھىتىنىڭ ئېھتىياجى كۈنسايىن كۈچەيدى، ئالتۇن ھەپتىگە مەركەزلەشكەن ساياھەت دولقۇنى ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى بىلەن دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى ئەكس ئەتتۈردى. پىروگراممىنىڭ چىقىرىلىشى بىلەن ئېلىمىز ساياھەتچىلىكىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە