باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 96-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلدى

2013.02.19 16:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 18-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى: 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 96-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 18-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. كومىتېت باشلىقى ۋۇ باڭگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا: 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31-سانلىق يىغىنىنى 25-فېۋرالدىن 27-فېۋرالغىچە ئېچىش قارار قىلىندى.

  11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31-سانلىق يىغىنىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى-پات ئارىدا ئېچىلىدىغان 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىغا تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش.

  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى تەكلىپىنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئاساسەن، بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى نۇسىقىسى قاراپ چىقىلىدۇ؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ، 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللىرىنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى قاراپ چىقىلىدۇ؛ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى، ھەيئەت رىياسىتى، باش كاتىپلىرىنىڭ ئىسىملىكى لايىھەسى، سىرتتىن قاتنىشىدىغانلارنىڭ ئىسىملىكى لايىھەسى قاتارلىقلار قاراپ چىقىلىدۇ.

  دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31-سانلىق يىغىنىدا يەنە كومىتېت باشلىقى ۋۇ باڭگونىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى پارلامېنتلرا مۇنبىرىنىڭ 21-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنى ھەمدە موڭغۇلىيەدە زىيارەتتە بولۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى يازما دوكلاتى قاراپ چىقىلىدۇ، 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللىرىنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى، مۇناسىۋەتلىك ۋەزىپىگە تەيىنلەش، قالدۇرۇش لايىھەسى قاراپ چىقىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە