باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر دا مەمۇرىي تەستىق زور دەرىجىدە ئاددىيلاشتۇرىلىدۇ

ئىچكىرىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەردە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئاپتونوم رايونىمىزدىمۇ بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ

2013.02.19 15:30         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ لېي، ياۋ تۇڭنىڭ 16 – فېۋرال ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايون مەمۇرىي تەستىقنى يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇپ، ‹‹ھۆكۈمەتنى ئىخچاملاپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى زورايتىش›› قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە ‹‹ئىخچام، ئۈنۈملۈك بولۇش›› پىرىنسىپىغا ئاساسەن، مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىدىكەن. ئىچكىرىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ تەجرىبىلىرى ۋە ئۇسۇلىغا ئاساسەن، ئومۇمەن ئىچكىرىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەردە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئاپتونوم رايونىمىزدىمۇ بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن. بۇ يىل 5 – ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تارماقلار ساقلاپ قالىدىغان، رەتكە سالىدىغان، تۆۋەنگە چۈشۈرىدىغان ياكى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان مەمۇرىي تەستىق پىكرى تۈزۈپ، ئۇنى ئاپتونوم رايونلۇق قانۇن – تۈزۈم ئىشخانىسىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىگە يوللايدىكەن.

  ئاپتونوم رايون بەش تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىپ، مەمۇرىي تەستىقلاشنى ئاددىيلاشتۇرىدۇ:

  بىرىنچى، مەمۇرىي تەستىق ئىش تۈرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلايدۇ. بازارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئىجتىمائىي ئاپتونومىيە پىرىنسىپىغا ئاساسەن، پۇقرا، قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلار مۇستەقىل قارار قىلالايدىغان، بازار مېخانىزمى ئۈنۈملۈك تەڭشىيەلەيدىغان، مەمۇرىي تەشكىلات ياكى ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار تەلەپچانلىق بىلەن باشقۇرالايدىغان ئىشلارغا مەمۇرىي تەستىق يولغا قويۇلمايدۇ؛ ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە ۋاسىتىلىك باشقۇرۇش شەكلىنى قوللىنىشقا بولىدىغان ئىشلارغا ئالدىن تەكشۈرۈپ تەستىقلاش يولغا قويۇلمايدۇ.

  ئىككىنچى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەمۇرىي تەستىقلىنىدىغان ئىشلار بېكىتىلىدۇ. تارماقلارنىڭ ئېنىقلىشى ئاساسىدا، ئىلمىي دەلىللەپ، قانۇن بويىچە بېكىتىپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ساقلاپ قېلىنىدىغان، رەتكە سېلىنىدىغان، تۆۋەنگە چۈشۈرىدىغان ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغان مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنىڭ كاتولوگى تۈزۈلۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن، جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىدۇ. شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بېكىتىشىدىن ئۆتۈپ، داۋاملىق يولغا قويۇلىدىغان مەمۇرىي ئىجازەت (تەكشۈرۈپ تەستىقلاش) تۈرلىرى ئىچىدىكى ھەق ئېلىشقا چېتىلىدىغانلىرىنىڭ قانۇنىي، مەمۇرىي قانۇن – نىزاملىرى ئېنىق بەلگىلىنىشى كېرەك.

  ئۈچىنچى، مەمۇرىي تەستىق مۇلازىمەت شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىلىدۇ. ‹‹ھۆكۈمەت ئىشلىرى زالى›› قۇرۇلۇشى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، تارماقلار ئېنىق، ئاشكارا بولۇش، خەلققە قۇلاي، ئۈنۈملۈك بولۇش تەلىپىگە ئاساسەن، ساقلاپ قېلىنىدىغان مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنىڭ تەستىق تەرتىپىنى يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلىنىدىغان ئىشلارنىڭ پىروگراممىلىشىشى، قانۇن – تۈزۈملىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  تۆتىنچى، ئىشلارنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش بويىچە قاتتىق مەسئۇلىيەت ۋە نازارەت قىلىش يولغا قويۇلىدۇ. قانۇن، قانۇن – قائىدە ئاساسى بولمىغان تۈرلەرنى ھەر قانداق تارماق قېلىپلاشقان ھۆججەت شەكلىدە بېكىتىشكە ياكى مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ بېكىتىشكە بولمايدۇ. مەمۇرىي تەستىق پۈتكۈل جەريانىنى نازارەت قىلىپ تىزگىنلەش كۈچەيتىلىپ، ئەركىن ئۆلچەش ھوقۇقى كىچىكلىتىلىپ، مەمۇرىي جەھەتتىن سۈرۈشتۈرۈش كۈچەيتىلىدۇ.

  بەشىنچى، تەشكىلىي رەھبەرلىك كۈچەيتىلىدۇ. مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا چېتىلىدىغان تارماقلار كۆپ، خىزمەت ۋەزىپىسى ئېغىر، شۇڭا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى قۇماندانلىق قىلىدىغان، كۆپ تارماق مەسئۇل بولىدىغان ۋە قاتنىشىدىغان رەھبەرلىك ئاپپاراتى قۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتى خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ئۇنى ماسلاشتۇرۇپ، مۇشۇ يىلدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە