باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيەگە چۈشكەن مېتېئورىت زور ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقاردى

2013.02.20 10:37         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، موسكۋا، 16 – فېۋرال تېلېگراممىسى. رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 16 – فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەگە چۈشكەن مېتېئورىت بىر مىليارد رۇبلى (تەخمىنەن 207 مىليون يۈەن) ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان. ھازىر يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش، داۋالاش ۋە بۇزىلغان ئىمارەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتى جىددىي ئىشلىنىۋېتىپتۇ.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، رۇسىيەگە چۈشكەن مېتېئورىت تەخمىنەن 1200 كىشىنى يارىلاندۇرغان، ھازىرچە جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ يارىلانغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات يوق. تېز سۈرئەتتە چۈشكەن مېتېئورىتنىڭ كۈچلۈك زەربە دولقۇنىدا، نۇرغۇن ئىمارەتنىڭ ئەينىكى چېقىلىپ كەتكەن، يارىلانغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەينەك پارچىسى چۈشۈپ يارىلانغان.

  رۇسىيە چېليابىنىسكى ئوبلاستىنىڭ باشلىقى ئۇلۋېچ مۇنداق دېدى: ‹‹ئوبلاستىمىزغا چۈشكەن مېتېئورىتتا چېقىلغان ئەينەكنىڭ كۆلىمى 200 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يەتتى، ھازىر مەخسۇس خادىملار مەزكۇر رايوندىكى ئىمارەتلەرنى نازارەت قىلىش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ئىشلەۋاتىدۇ››.

  رۇسىيە جىددىي تاقابىل تۇرۇش مىنىستىرلىقىدىكىلەر: ‹‹مېتېئورىت پارچىلىرى چۈشكەن چېباكۇل كۆلىگە يېقىندا ئالتە غەۋۋاس چۈشىدۇ›› دېدى. ھازىرچە مېتېئورىت پارچىلىرى تېپىلمىغان، ئىلگىرىكى خەۋەرگە قارىغاندا، مېتېئورىت چېليابىنىسكى ئىشتاتىدىكى چېباكۇل كۆلىدە دىيامېتىرى سەككىز مېتىر كېلىدىغان ئازگال پەيدا قىلغان.

  مېتېئورىت چۈشكەن نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلىۋاتقان رۇسىيە جىددىي تاقابىل تۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مۇنداق دېدى: ‹‹شۇ جايدىكى جىددىي تاقابىل تۇرۇش تارمىقىدىكىلەر مېتېئورىت چۈشۈش ۋەقەسىدە بۇزۇلغان ئىمارەتلەرنى قايتا – قايتا تەكشۈردى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي ئاپپاراتلار، مەكتەپ ۋە يەسلىلەرنى تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، يوشۇرۇن ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئالدى. مۇناسىۋەتلىك تارماقلار چېليابىنىسكىدىكى مەكتەپ ۋە يەسلىلەرنىڭ تېزرەك نورمال ئوقۇش باشلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ››.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە