15-فېۋرال رۇسىيەنىڭ چېليابىنىسكايادا مېتېئورىت چۈشۈش ھادىسىسى يۈز بەردى.
رۇسىيە ئالىملىرى 17-چېسلا چېليابىنىسكايانىڭ سېبالكۇلى كۆلى رايونىدىن نەچچە كۈن ئالدىدا چۈشكەن ۋە مىڭدىن ئوشۇق ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مېتېئورىت تاشنىڭ پارچىلىرىنى تاپقانلىقىنى ئېيتتى.
بىر ئىشتىن سىرتقى ئاسترونومىيە ھەۋەسكارىنىڭ مۆلچەرىچە، چۈشۈپ كەتكەن مېتىئورىت تاش پارچىسىنىڭ ھەر بىر گرامىنىڭ باھاسى ئاز دېگەندىمۇ 66 مىڭ رۇبلى (تەخمىنەن 2200 ئامېرىكا دوللىرى)غا يارايدىكەن، بۇ ئالتۇن باھاسىنىڭ 40 نەچچە ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن.(جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)