«يېشى ئەڭ چوڭ ئانا»ياشانغان موماي بولسىمۇ، لېكىن قىزى ئاران ئۈچ ياشتا. ئۈچ يىل بۇرۇن، رۇمىنىيەلىك ئايال ئىلىسكۇ 67 ياشقا كىرگەندە پروبىركىدا ھامىلە يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق قىز بوۋاق يەڭگىگەن ھەمدە دۇنيادىكى ئەڭ قېرى ئانا بولۇپ قالغان. بۇ يىل 5-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئىلىسكۇ 70 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەن، ئۇنىڭ قىزى بولسا ئۈچ ياشقا كىرگەن. گەرچە بۇ «ئەڭ قېرى ئانا» گەرچە سالامەتلىكىگە بەك ئىشەنسىمۇ، لېكىن ئىلىسانىڭ كەلگۈسىگە قارىتا كىشىلەر ئەندىشە قىلغان.
ئىلىسكو يازغۇچى بولۇپ، ئالىي مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىدا يەنى 20 يېشىدا توي قىلىپ ھامىلدار بولغان، لېكىن تەن-سالامەتلىكى يار بەرمەي ھامىلىنى چۈشۈرۋىتىشكە مەجبۇر بولغان. 24 ياشقا كىرگەندە ئۇ يولدىشى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن، ئىلىسكۇ ئاجرىشىش سەۋەبىنى ئىزچىل دېگىلى ئۇنىمىغان، پەقەت مىجەزىمىز كېلىشمىگەنلا دېگەن. كېيىن ئۇ ئىزچىل توي قىلماي، پۈتۈن دىققىتىنى يازغۇچىلىق ئىشلىرىغا قاراتقان.
ئانا بولۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئىلىسكۇ 58 يېشىدىن تارتىپ ئۇدا توققۇز يىل ھورمۇنلۇق ئوكۇل سالدۇرغان ھەم تۇغماسلىق كېسىلىنى داۋالاتقان. ئۇ ئىككى قېتىم پروبىركىدا ئۇرۇقلاندۇرۇش ئوپراتسىيەسى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، مۇۋەپپىقىيەتلىك بولمىغان. 2004-يىلى 5-ئايدا، ئىلىسكۇ يەنە بىر قېتىم قوبۇل قىلىپ، مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا قوشكېزەككە ھامىلدار بولغان، لېكىن قوشماقلارنىڭ بىرى بالىياتقۇدا ئۆلۈپ قالغان. 2005-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى، دوختۇرلار جىددىي قورساق يېرىش ئوپراتسىيەسى قىلىپ، ھايات قالغان قىز بوۋاق ئىلىسانى يەڭگىتكەن، شۇنىڭ بىلەن 67 ياشقا يېقىنلاشقان ئىلىسكۇ دۇنيادىكى يېڭى پەرزەنتلىك بولغان يېشى ئەڭ چوڭ ئانا بولۇپ قالغان.