باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

دۇنيادىكى دەرىجىدىن تاشقىرى كارامەت ئانىلار(2)

2013.02.17 15:38   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

دۇنيادىكى دەرىجىدىن تاشقىرى كارامەت ئانىلار(2)

  پۈتۈن دۇنيانى زىل-زىلىگە كەلتۈرگەن ئەر «ئانا»

  ھامىلدار بولغىنىغا ئالتە ئاي بولغان توماس گەرچە ھامىلدار بولسىمۇ، چىرايى ئەردەكلا، چۈنكى ئۇ جىنىس ئۆزگەرتكۈچى، جىنىس ئۆزگەرتكەندە بالىياتقۇسىنى ئېلىۋەتمىگەن . ئۇ بىر مەزگىل پۈتكۈل دۇنيانىڭ قىززىق نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قالغان، بۇ يىل 43ياشقا كىرگەن توماس يېقىندا يەڭگىيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. توماس، قىزىنىڭ ئىسمىنىمۇ ئويلىشىپ قويغانلىقىنى، ئۆزىنى ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلىدىغانلىقىنى، قىزىنىڭ بۇ دۇنياغا تېزرەك كېلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  توماس ھامىلدار بولۇش جەريانىنى سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ ھېچقانداق بىر ماسلىشالماسلىق تۇيغۇسىدا بولمىغانلىقىنى ئېيىتقان. ئۇنىڭ بىلەن ئايالى پەرزەنتىنىڭ بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتكەن. بۇ ئەر-ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھامىلدار بولۇش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس، چۈنكى توماس ئۇرۇق تەمىنلىيەلمەيدۇ، نەنسىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ئېكتوپىك بولۇش كېسىلى بار، 20 يىل بۇرۇنلا بالىياتقۇسىنى كېسىپ ئېلىۋەتكەن. بالىغا ئامراق بۇ ئەر-ئاياللار سۈنئىي ئۇسۇلدا ئۇرۇقلاندۇرۇش ئارقىلىق، توماس قورساق كۆتۈرگەن.

  ئەينى ۋاقىتتا، توماس جىنىس ئۆزگەرتىش ئوپراتسىيەسىنىڭ بارلىق جەريانىنى ئېلىپ بارمىغان، پەقەت كۆكسىنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىش، ئۇرۇقدان ھورمۇنى ئۇرۇش ئارقىلىق ئەرلىك بەلگىسىنى ساقلاپ قالغان. بۇ ئۇنىڭ يەنە «ھامىلدار بولۇش ھوقۇقى» بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. توماس: «ئىككى يىل بۇرۇن مەن ئۇرۇقدان ھورمۇنى ئۇرۇشنى توختىتىۋەتكەن، تۆت ئايدىن كېيىن ھەيزىم كەلگەن»دېگەن.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

     تەۋسىيە

    ·قىرغىزىستاندا خەلقئارا داڭلىق مۈشۈك كۆرگەزمىسى ئېلىپ بېرىلدى (1)
    ·مەكتەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرق قانداق كېلىپ چىققان
    ·قاتناش ۋەقەسى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ باش قاتىلىغا ئايلاندى(1)
    ·گوۋۇيۈەن: كېلەر يىلى كۈزدىن باشلاپ ئاسپىرانتلارنىڭ ھەممىسى ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدۇ
    ·ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىدا 1126 كۈن بىخەتەر ئايلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى 
    ·بۇ يىل ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى سانى توققۇز مىڭدىن ئاشىدۇ
    ·چاغان مەزگىلىدە جەنۇپ ئاۋىئاتسىيەسى ئوتتۇرا ، غەربىي ئاسىيا خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە لىنىيەلىرىدە 15-فې…
    ·شىنجاڭنىڭ بۇ يىللىق مەمۇر قوبۇل قىلىش خىزمىتى 5-ئايدا باشلىنىدۇ 
    ·چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار دۆلىتىمىزگە قايتىپ خىزمەت ئىزدەشكە يۈزلىنىۋاتىدۇ
    ·قىرغىزىستان، تاجىكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ئىچىدە ئەڭ ي…