لىنا مادىنا، دۇنيادىكى رېكورت ياراتقان ئەڭ ياش ئانا. 70 يىلدىن بۇيان، لىنا سىرتقى دۇنيادىن مۇستەسنا، ناھايىتى ئاددىي تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، «بەش ياشلىق ئانا»ناملىق كىتاب لىنانىڭ ناھايىتى تىنچ تۇرمۇشىنى بۇزۇۋەتكەن، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پېرۇ ھۆكۈمىتى لىناغا يەنە بىر قېتىم دىققىتىنى قاراتقان.
بالىنىڭ ئاتىسىنىڭ كىملىكىمۇ بىر سىر
لىنا پېرۇدىكى ناھايىتى نامرات ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن، ئائىلىدىكى توققۇز بالا ئىچىدىكى ئانچە كۆزگە كۆرۈنمەيدىغاندىن بىرى، ئاتا-ئانىسى لىنانىڭ قورسىقىنىڭ بارغانسېرى يوغىناپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقاپ ئۇنى داخانغا كۆرسىتىدۇ، لېكىن كەنتتىكى داخانلارمۇ بۇنىڭغا ئامالسىز قالىدۇ، شۇڭا لىنانىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئامالسىز دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارىدۇ. لىنا دوختۇرخانىغا كىرگەندىن كېيىن، دوختۇرلار تەكشۈرۈپ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان خەۋەرنى يەنى ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بىر ئايدىن كېيىن، يەنى 1939-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى بەش ياش يەتتە ئاي 21 كۈنلۈك بولغان بۇ كىچىك قىز قورساق يېرىش ئوپېراتسىيىسى ئارقىلىق ناھايىتى ساغلام بولغان، 2.7 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى ئوغۇل بوۋاق يەڭگىيدۇ.
ئەينى ۋاقىتتا لىناغا قورساق يېرىش ئوپېراتسىيىسى قىلغان دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، لىنانىڭ كۆپىيىش ئەزاسى ناھايىتى پىشىپ يېتىلگەنكەن. لىنا تۆت ياش سەككىز ئاي بولغان ۋاقتىدا ھامىلىدار بولغانىكەن. لىنانىڭ بۇ ئىشى مېدىتسىنادىكى مۆجىزە ھەم سىر بولۇپ قالغان، نۆۋەتتە ئۇ دۇنيادىكى رېكورت ياراتقان ئەڭ ياش ئانا ھېسابلىنىدۇ.
لىنانىڭ ھامىلىدار بولغانلىقى بېكىتىلگەندىن كېيىن، شۇ يەر ساقچىلىرى لىنانىڭ دادىسىنى قىزىغا پەسكەشلىك قىلغان دەپ گۇمانلىنىپ قولغا ئالغان، كېيىن ئىسپات تولۇق بولمىغانلىقتىن قويۇۋەتكەن. كېيىن دوختۇرلار، ساقچىلار ھەتتا كىنو شىركىتىمۇ ئادەم ئەۋەتىپ لىنانىڭ ئىشىنى تىڭتىڭلىغان ھەم تەكشۈرگەن، لېكىن نەتىجىدە تەكشۈرۈش ئارقىلىقمۇ بالىنىڭ دادىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىيالمىغان.
بەدىنى يېتىلگەن ئەمما ئىش-ھەرىكەت، گەپ-سۆزلىرى يەنىلا كىچىك بالىدەك
لىنا دوختۇرخانىدا 11ئاي ياتقاندىن كېيىن ئاتا-ئانىسى ئۆيىگە ياندۇرۇپ ئەكەلگەن. گەرچە بۇ بەش ياشلىق قىزنىڭ بەدىنى يېتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىش-ھەرىكەت، گەپ-سۆزى يەنىلا كىچىك بالىدەككەن. لىنانىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى گېلاردو بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا لىناغا ئوپېراتسىيە ئېلىپ بارغان دوختۇرنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان، ئۇ ئانا بولغان بولسىمۇ يەنىلا قورچاق ئوينايدىكەن، يېڭى تۇغۇلغان بالىسىغا قاراپمۇ قويمايدىكەن. گېلاردو 10 ياشقا كىرگەندە، لىنا ئۆزى بىلەن تەڭ چوڭ بولغان بۇ بالىنىڭ ئۆزىنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى بىلگەن. گېلاردو 40 ياشقا كىرگەندە مەلۇم يىلىك كېسەللىكى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن.
لىنا توي قىلغاندىن كېيىن يەنى 1972-يىلى، تۇنجى پەرزەنتى گېلادورنى تۇغۇپ 33يىلدىن كېيىن، يەنە بىر ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغان.
لىنانىڭ يولدىشى: «بىزنىڭ پەقەت تىنچ تۇرمۇش كەچۈرگىمىز بار. مەن ئەزەلدىن ئايالىمنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ياش ئايال ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن»دېگەن. دوختۇر كىتاب چىقىرىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن دىققەت-ئېتىبار قوزغىغان.
«بەش ياشلىق ئانا»دېگەن بۇ كىتاب لىنانىڭ ھېكايىسىنى كىشىلەرگە ئاشكارىلىغان، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پېرۇ ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى تارتقان، پېرۇ ھۆكۈمىتى بۇ ئىشلارنى بىلگەندىن كېيىن، لىناغا ئىقتىساد ھەم باشقا جەھەتلەردىن كېچىككەن ياردەملەرنى تەمىنلىگەن. تۇغۇت بۆلۈمى دوختۇرى جوس، ئوقۇغۇچى ۋاقتىدىلا لىنانىڭ ھېكايىسىگە بەك قىزىقىدىغان بولۇپ، لىناغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق خەۋەر، ئوچۇق دوكلات قىلغان خەۋەر-ئۇچۇر ھەمدە زىيارەت ماتېرىياللىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىنى يىغىپ، ئۇنىۋېرسال قىلىپ، «بەش ياشلىق ئانا»دېگەن بۇ كىتابنى يېزىپ چىققان.