ئامېرىكا ئاركانزاس ئىشتاتىدىكى 41 ياشلىق ئانا بۇ يىل 18-بالىسىغا ھامىلدار بولغان.
ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئانىنىڭ ئىسمى داگېر بولۇپ، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇنىڭ يەتتە قىزى ھەم ئون ئوغلى باركەن، بالىلارنىڭ چوڭى 20ياش، كىچىكى توققۇز ئايلىق بولغانكەن. داگېر بالىلىرىنىڭ ھەممىسىگە «J» ھەرىپى بىلەن باشلانغان ئىسىم قويغان. بىر ئائىلە كىشىلىرى ھەجىمى 650 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان چوڭ ئۆيدە تۇرىدۇ، بارلىق بالىلىرى بەكمۇ گەپ ئاڭلايدىغان بولۇپ، بارلىق ئىشلىرىنى ئۆزى قىلىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە بۇلارنىڭ ئامېرىكىدا خېلى نامى چىقىپ قالغان. بۇ ئۆيدىكى بالىلار بەكمۇ ئەقىللىق ھەم ئىشچان بولۇپ، ھەتتا قىزلىرىمۇ ئوغۇللار قىلىدىغان، مەسلەن چاق ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىشنى ئۆگەنگەن، ئوغۇللىرى بولسا تاماق ئېتىشنى ئۇقىدۇ، كىر-قات يۇيالايدۇ.