باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

«ئولىمپىك ماتىماتىكىسى ئەسەبىيلىكى» داۋاملىق يامرىماقتا

2013.02.19 17:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە جايلاردىكى مائارىپ تارماقلىرى ئولىمپىك ماتىماتىكا مۇسابىقىسى نەتىجسىنى مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشىغا چېتىۋالماسلىقنى قايتا-قايتا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ مەنئى قىلدى، شۇنىڭدەك ئالاقىدار كۇرس ئېچىشنى ۋە ئولىمپىك ماتىماتىكىسىنى ئوقۇتۇش ۋە ئىمتىھان مەزمۇنىغا كىرگۈزۈشنى چەكلىدى. ھالبۇكى، مۇخبىر يېقىندا چۇڭچىڭ، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلاردا چوڭ-چوڭ تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ «ئولىمپىك ماتىماتىكىسى ئەسەبىيلىكى»نى باشقىچە پەردازلاپ قايتىدىن كۆككە كۆتۈرۈۋاتقانلىقىنى بايقىدى.

  پەرزەنتى چۇڭچىڭ يۈيىڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئالتىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ۋاڭ خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر تەربىيەلەش سىنىپلىرىنىڭ داۋاملاشتۇرۇش سىنىپى، ئەلاچىلار سىنىپى، يۇقىرى كۆتۈرۈش سىنىپى دەپ ئاتىلىدىكەن. ئوقۇش پۇلىمۇ ئاز ئەمەسكەن.

  نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئولىمپىك ماتىماتىكىسى سىنىپىنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ بولىدىغانلىقىنى، ئەمما «باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش»تە مەكتەپ تاللاشتىن كېلىدىغان غايەت زور بېسىم ئاستىدا، ئاتا-ئانىلارنىڭ نائىلاج تاش يۈرەكلىك بىلەن بالىلىرىنى «جاپا تارتقۇزىدۇ»غانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  «باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش» باسقۇچىدىكى بۇ رەھىمسىز شاللاش مۇسابىقىسىدە، ئولىمپىك ماتىماتىكىسى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى تاللاشتىكى گىر تىشى بولۇپ قالغان. كۆپلىگەن تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ داڭلىق مەكتەپلەر بىلەن «زىچ» ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، كەڭ دائىرىلىك ئوقۇغۇچى مەنبەسىگە ۋە كىرىمگە ئېرىشكەن.

  بىر قىسىم مائارىپ-تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ مەسئۇللىرى «باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش»تە مەكتەپ تاللاشتىن كېلىپ چىققان ئولىمپىك ماتىماتىكىسى قىزغىنلىقىنىڭ تۈپ مەنبەسى مائارىپتىكى ئادىلسىزلىق ۋە بايلىقنىڭ تەكشىسىزلىقى دېدى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتىنىڭ ئاساسىي مائارىپقا مەسئۇل مۇئاۋىن نازىرى جۇ چاۋخۇانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئولىمپىك ماتىماتىكىسى قىزغىنلىقى مائارىپ مەنپەئەتچىلىكنىڭ «تۆۋەن ياشلىقلار»غا يۈزلىنىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۈزلۈكسىز ھالدا باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچىغىچە كېڭەيگەنلىكىنى، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ بىلىش قانۇنىيىتىدىن ئېغىر چەتنەپ كەتكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە