باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

جايلار ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئەتىيازلىق، كۈزلۈك دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ

2013.02.19 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بەرگەن خەۋىرى: تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان «پۇقرالار ئىستراھەت ساياھەت پىروگراممىسى»دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «ئومۇمىي تەتىل ۋاقتى ئۆزگەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئالىي مەكتەپلەر ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن يازلىق، قىشلىق تەتىل ۋاقتىنى تەڭشىسە بولىدۇ، يەرلىك ھۆكۈمەت ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپنى ئەتىيازلىق ياكى كۈزلۈك دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە ئىزدىنىپ كۆرسە بولىدۇ». بۇنىڭدا ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەقلىق دەم ئېلىشى بىلەن مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان پەرزەنتلەرنىڭ دەم ئېلىشىنى تېخىمۇ ماسلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

  «پىروگرامما»دا يەنە، ئوتتۇرا–باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تەتقىقات خاراكتېرىدىكى ئۆگىنىش ساياھىتىنى پەيدىنپەي ئومۇملاشتۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ساياھەتلىك ئوقۇتۇشتەك دەرستىن سىرتقى ئەمەلىي پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئېلھام بېرىپ، مەكتەپ ساياھەت مەسئۇل سۇغۇرتا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق بىر يۈرۈش ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەم ئېلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش پىكىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.(جۇڭگو مىلللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە