خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. 63-نۆۋەتلىك بېرلىن خەلقئارا كىنو بايرىمىنىڭ مۇكاپاتى 16-فېۋرال تارقىتىلدى. رومىنىيە فىلىمى «بالىنىڭ قىياپىتى» جىددىي ۋەقەلىگى ۋە ئىنچىكە ھېسسىيات تەسۋىرى بىلەن بېرلىن كىنو بايرىمىدىكى مۇنەۋۋەر فىلىم مۇكاپاتى «ئالتۇن ئېيىق» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
كىنو بايرىمىدىكى ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات « كۈمۈش ئېيىق» مۇكاپاتى « غۇۋا ھايات» قا بېرىلدى. بۇ فىلىمنى بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا، فىرانسىيە، سىلوۋىنىيە بىرلىكتە ئىشلىگەن، بۇ فىلىمدە بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنادىكى بىر سىگان ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىدىكى بىر كىچىك ۋەقەلىك سۆزلەنگەن.
بېرلىن كىنو بايرىمى 1951-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئەدەبىيلىكنى گەۋدىلەندۈرۈش، سىياسى خاھىش، يېڭىلىققا ئېلھام بېرىشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن داڭلىق. بۇ كىنو بايرىمى فىرانسىيە گانا كىنو بايرىمى ۋە ئىتالىيە كىنو بايرىمى بىلەن بىرلىكتە «ياۋرپادىكى ئۈچ چوڭ كىنو بايرىمى» دەپ ئاتالغان.