باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ساياھەت

چاغاندا ساياھەتكە چىققانلار تۇنجى قېتىم 200 مىليوندىن ئاشتى

2013.02.17 16:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

خەينەن سەنيا ساياھەت رايونىدىكى ئادەملەر (10-فېۋرال تارتىلغان)
  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:دەم ئېلىش مەزگىلىدە سىرتقا ساياھەتكە چىقىش نۆۋەتتە جۇڭگولۇقلارنىڭ بىر ئادىتىگە ئايلاندى، بۇ يىل چاغان ئالتۇن ھەپتىسىدە جايلاردىكى مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرى يەنە بىر قېتىم نۇرغۇن تۈركۈمدە ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. مەملىكەت بويىچە ساياھەتكە چىققانلار تۇنجى قېتىم 200 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتتى. بۇ يىل چاغاندا مەملىكەت بويىچە ھەر دەرىجىلىك ساياھەت تارماقلىرى ئۆز رايونىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆرپ ئادىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، خىلمۇ خىل شەكىلدىكى، مول مەزمۇنلۇق ساياھەت ئارقىلىق بايرامنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى. بېيجىڭ، شەندۇڭ، شەنشى، جياڭسۇ، جېجياڭ، تيەنجىن قاتارلىق جايلار ھەر خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە شەھەر بۇتخانا سەيلىسى، چاغانلىق پانۇس بەزمىسى، يېڭى يىللىق تىلاۋەت، چاغانلىق گۈل كۆرگەزمىسى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئۆرپ ئادەت ئارقىلىق بايرامنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى، جايلارنىڭ يېڭى يىللىق ئۆرپ-ئادەت پائالىيىتىدىن ھۇزۇرلىنىپ، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى چۈشىنىش نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنىڭ بايراملىق ساياھەتتىكى تاللىشى بولۇپ قالدى.

  چاغان دەم ئېلىشىدا جەنۇبتىكى ئاراللارنى ساياھەت قىلىش ۋە شىمالدىكى قار مۇز ساياھىتى قىزىپ كەتتى، بولۇپمۇ خېيلۇڭجياڭ بۇ يىل چاغان مەزگىلىدە خاربىن دىسنىي قار مۇز پائالىيىتى، موخې قار مۇز ئاپتوموبىل راللى مۇسابىقىسى، ئىچۈن ۋە مۇدەنجياڭدىكى قارلىق جىلغىنى كېسىپ ئۆتۈش قاتارلىق بىر تۈركۈم ساياھەت يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا سالدى، مودا، كۆڭۈل ئېچىش بۇ يىل قىشلىق قار مۇز ساياھىتىنىڭ باش تېمىسىغا ئايلاندى.

  بۇنىڭدىن باشقا، يەتتە كۈنلۈك دەم ئېلىشتا چېگرىدىن چىقىش ساياھىتى داۋاملىق كۆپەيدى، ساياھەت كوپىراتىپلىرى تەشكىللىگەن ساياھەت ئۆمىكى 4 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14 كۆپەيدى، تايلاند، كورىيە، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن چاغان مەزگىلىدىكى ساياھەتچى ئەڭ كۆپ بارغان ساياھەت دۆلىتى ۋە رايونىغا ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە