- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


خەلقئارادا ماي باھاسى يۇقىرى رەۋىشتە تەۋرەنمەكتە
2013.02.17 16:44 مەنبە: خەلق تورى
 |
برېنتتىكى نېفىت باھاسىنىڭ سېخىمىسى |
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-فېۋرال نيۇيوركتىن بەرگەن خەۋىرى، چاغان مەزگىلىدە خەلقئارالىق ماي باھاسىنىڭ يۇقىرى رەۋىشلىك تەۋرىنىشى داۋاملىشىپ، نيۇيوركتىكى نېفىت قەرەللىك مال باھاسى 11-فېۋرال ھەر تۇڭى 97.01 دوللار بولۇشتەك تارىختىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىدا تۇردى. برېنتتىكى نېفىت باھاسى 118 دوللارلىق چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، 9 ئايدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى نۇقتىغا ئۆرلىدى.
ئامېرىكىنىڭ بايلىق باشقۇرۇش ئاپپاراتى بولغان لېۋىت مەبلەغ باشقۇرۇش ئورنىنىڭ تەھلىلچىسى ئامېرىكىنىڭ سلانتېس مېيى تەمىناتىنىڭ ئېشىشىغا ۋە قاتناش تىرانسىپورت مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇشىغا ئەگىشىپ، ماي باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە چۈشكەن بېسىمنىڭ يېنىكلەيدىغانلىقىنى، بۇ يىل ئاخىرىدا برېنتتىكى نېفىت باھاسىنىڭ زور نىسبەتتە تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە