باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى بۇيىل بەلكىم چىرىكلىككە قارشى دېلو جەرىمانە تالۇنى ئېلان قىلىدىكەن

نومۇر تارتىپ جازالاش، جەرىمانە ئېلىش، دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش

2013.02.18 16:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ تۈنۈگۈن تۇنجى بولۇپ بەرگەن خەۋىرىدىن قارىغاندا، بۈگۈن سائەت 15تە، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش دېلوسىدا جازاغا تارتىلغان كۇلۇبلارنى، شۇنىڭدەك بۇ كۇلۇبلار تۇرۇشلۇق جايدىكى پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىرىنى چاقىرىپ يىغىن ئاچىدىكەن. يىغىندىن كېيىن ئەڭ ئاخىرقى جازا قارارىنى ئېلان قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. تۈنۈگۈن پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈ خۇڭچېن بىر تەرەپ قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان شاڭخەي شېنخۇا كۇلۇبى،تيەنجىن تەيدا كۇلۇبى ۋە يەنبيەن كۇلۇبىنىڭ مەسئۇلىغا شەخسەن ئۆزى تېلېفۇن بېرىپ، ئۇلارنىڭ بۈگۈن بېيجىڭغا كېلىشىنى ئېيتقان.

  ۋېي دى ۋەزىپىدىكى مەزگىلىدىلا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، قارا نىيەتلەرنى تازىلاشقا ئالاقىدار بىر تەرەپ قىلىش قارارى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بولغان بولۇپ، بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىدە دېلوغا چېتىشلىق پۇتبول كوماندىلرىدىن نومۇر تارتىش، جەرىمانە قويۇش، ئەمما دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتمەسلىك ئاساسىي پىرىنسىپ قىلىنغان. نومۇر تارتىش ئۆلچىمى 3 نومۇر، 6 نومۇر ۋە 9 نومۇر تارتىشتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلغان. قويۇلىدىغان جەرىمانە 1 مىليون يۈەن ۋە 500 مىڭ يۈەندىن ئىبارت ئىككى دەرىجىگە ئايرىلغان. .(جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە