باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئىجتىمائي خەۋەرلەر

دۆلىتىمىزدە ئومۇمىي ئىشىنىش تۇيغۇسى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالغان

70% ئادەم ناتونۇشلارغا ئىشەنمەيدىكەن

2013.02.17 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتخانىسى ئېلان قىلغان ئىجتىمائىي فورماتسىيە ھەققىدىكى كۆك تاشلىق كىتاب ‐‐ «جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي پىسخولوگىيەسى ھەققىدىكى تەتقىقات دوكلاتى 2012-2013» جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەدىكىلەرنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: «نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ ئومۇمىي ئىشىنىش تۇيغۇسى يەنىمۇ تۆۋەنلەپ، 60 نومۇرلۇق تۆۋەن چەكنى بۇزۇپ تاشلىدى. كىشىلەر ئارىسىدىكى بىر-بىرىگە ئىشەنمەسلىك يەنىمۇ كۈچىيىپ كەتتى، تەكشۈرۈلگۈچىلەرنىڭ يېرىمىلا جەمئىيەتتىكى كۆپ قىسىم ئادەملەر ئىشەنچلىك دەپ قارايدىكەن، پەقەت 20 ~ 30 پىرسەنتىلا ناتونۇشلارغا ئىشىنىدىكەن.»

  بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە، ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسى كۆك تاشلىق كىتاب تۈرى گۇرۇپپىسى بېيجىڭ، شاڭخەي، جېڭجۇ، ۋۇخەن، گۇاڭجۇ قاتارلىق يەتتە شەھەردىكى 1900 دىن ئارتۇق ئاھالىنى تەپسىلىي زىيارەت قىلدى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، كىشىلەر ئارا ئىشىنىش دەرىجىسى تۆۋەنلەشتىن سىرت، يەتمىش پىرسەنتتىن ئارتۇق ئادەم ناتونۇشلارغا ئىشەنمەيدىكەن، ساھە ۋە تارماقلاردىن قارىغاندا، كىشىلەرنىڭ سودا، كارخانىلارغا بولغان ئىشىنىش دەرىجىسى ئەڭ تۆۋەن ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوخشىمىغان قاتلام، كوللېكتىپلار ئارا ئىشەنمەسلىكمۇ چوڭقۇرلاشقان ۋە مۇقىملاشقان، ئەمەلدارلار بىلەن ئامما، ساقچى بىلەن پۇقرا، دوختۇر بىلەن بىمار، سودىگەر بىلەن خەلق قاتارلىقلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتتىمۇ ئىشەنمەسلىك دەرىجىسى يەنىمۇ كۈچەيىۋېتىپتۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە