باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

سەنئەت كەسپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، ئايرىم ئالىي مەكتەپلەر مەدەنىيەت ئىمتىھانىدىكى نەتىجىسى يۇقىرى بولغان ئوقۇغۇچىلارغا مايىللىشىۋاتىدۇ

2013.02.20 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بەزى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر بېرىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇھاكىمە يىغىنىدىن مائارىپ مىنىستىرلىقى 2014-يىلدىن باشلاپ سەنئەت كەسىپلىرىگە قوبۇل قىلىنىدىغانلاردىن ئېلىنىدىغان مەدەنىيەت ئىمتىھانىنىڭ نۇمۇر سىزىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئويلىشىۋاتىدۇ، دېگەن ئۇچۇر تارقالغان.تۈنۈگۈن مۇخبىر بۇ ھەقتە بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سەنئەت كەسپىگە مەسئۇل كىشىلەردىن ئەھۋال ئىگىلىدى.

  ئوتتۇرا جۇڭگو پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى سەنئەت ئىنسىتىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خوۋ يۈنخەن مۇنداق دېدى: «مەدەنىيەت پەنلىرى ئىمتىھانىنىڭ نومۇر سىزىقىنى يوقىرى كۆتۈرۈش بىلەن ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئارىسىدا ماسلىق مۇناسۋىتى شەكىللەندۈرۈش ئاللىقاچان ئورتاق تونۇشقا ئايلاندى. ئوتتۇرا جۇڭگو پىداگوكا ئۇنىۋېرسىتېتى 6 يىل ئىلگىرىلا ئۇنۋېرسال نەتىجىسىگە قاراپ رەتكە تىزىپ قوبۇل قىلىشنى باشلىغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئاللىبۇرۇنلا مەدەنىيەت ئىمتىھانىدىكى نەتىجىسى ئەلا بولغانلارغا مايىللاشقان، بىز قوبۇل قىلغان خېلى كۆپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەدەنىيەت ئىمتىھانىدىكى نەتىجىسى 400 نومۇردىن ئاشىدۇ، بۇ ئۆلكىنىڭ ئاساسىي ئۆلچەم سىزىقىدىن 50-60 نومۇر يوقىرى.»(جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە