باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

«زەھەرلىك مەكتەپ فورمىسى» نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشتىكى ئاجىز تەرەپلەرنى ئاشكارىلىدى

2013.02.19 17:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا شاڭخەي ئوۋشيا كىيىم شىركىتى ئىشلەپچىقارغان مەكتەپ فورمىسىدا راك پەيدا قىلىدىغان ئاروماتىك ئامىن ماددىسى بارلىقى تەكشۈرۈپ چىقىلغان.

  مۇتەخەسسىسلەر سۈپەت ئۆتكىلىنى مەكتەپلەرگە تۇتقۇزۇش رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەس، سۈپەت نازارەتچىلىك ۋە مال باھا تارماقلىرى دائىملىق بىرلەشمە تەكشۈرۈشنى يولغا قويغاندىن باشقا، سېتىۋېلىش ئۇچۇرلىرىنى كۆپرەك ئاشكارىلىشى، ئىجازەتنامە تۈزۈمىنى ئەستايىدىل يولغا قويۇشى كېرەك، دەپ قارىدى.

  2-ئاينىڭ 19-كۈنى، شاڭخەي شەھرىدە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىنى كۈتۈۋالدى. ئەسلىدە، ئوقۇش باشلانغان تۇنجى كۈنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى مەكتەپ فورمىسى كىيىشى كېرەك ئىدى، ئەمما پۇدۇڭ يېڭى رايونىدىكى بىر قىسىم مەكتەپلەر ئۇچۇر، مىكرو بلوگ توپى قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئاتا-ئانىلارغا بالىلارنىڭ مەكتەپ فورمىسى كىيىمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

  بۇ مەكتەپلەر شاڭخەي ئوۋشيا كىيىم شىركىتىنىڭ خېرىدارى ئىدى. چۇەنشا بازىرىنىڭ بىر كەنتىگە جايلاشقان بۇ كىچىك كىيىم زاۋۇتى ئىشلەپچىقارغان ئوقۇغۇچىلار فورمىسى تەركىبىدە راك پەيدا قىلىدىغان ماددا بارلىقى تەكشۈرۈپ چىقىلغاچقا، دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلدى ھەمدە زاۋۇت ئىشتىن توختىتىلدى.

  شاڭخەي شەھەرلىك سۈپەت نازارەتچىلىك ئىدارىسى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى شاڭخەي شەھرىدىكى ئوقۇغۇچىلار فورمىسىنىڭ سۈپىتىنى مەخسۇس نازارەت قىلىش، تاللاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتىن قارىغاندا، تاللاپ تەكشۈرۈلگەن 22 تۈركۈم ئىككىلەمچى مەھسۇلاتنىڭ 6 تۈركۈمى لاياقەتسىز چىققان. بۇنىڭ ئىچىدە، شاڭخەي ئوۋشيا كىيىم شىركىتى ئىشلەپچىقارغان قىشلىق فورما تەركىبىدە راك پەيدا قىلىدىغان ئاروماتىك ئامىن ماددىسى بارلىقى تەكشۈرۈپ چىقىلغان ھەمدە «سۈپەت مەسىلىسى ئېغىر» بولغانلىقى ئۈچۈن دېلو تۇرغۇزۇلغان ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان. بۇ شاڭخەي شەھرىدە ئوقۇغۇچىلار فورمىسىنىڭ سۈپىتى ئۈستىدە تۇرغۇزۇلغان تۇنجى دېلو ھېسابلىنىدۇ. (مۇخبىر جياڭ خۇڭبىڭ)(جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە