- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ش ئۇ ئا ر دىكى ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە 19-فېۋرالدىن باشلاپ ئەتىگەنلىك سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ
2013.02.19 15:29 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
17-فېۋرال، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 27-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دەرسخانىنى تازىلىماقتا
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ يېقىندا تارقاتقان ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن ، يۇقۇملۇق زۇكام قاتارلىق نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ مەكتەپلەردە كۆرۈلۈشى ۋە تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەر ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ، بالىلار باغچىلىرىدا ئەتىگەنلىك سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن ، ھەر قايسى مەكتەپلەر ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئوقوغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچى ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ ، قىزىش ، يۆتەل ، گال ئاغرىقى قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىك ئالامىتىنىڭ بار يوقلىقىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ ھەمدە شۇ كۈنلۈك ئەھۋالنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلىپ ، كېسەللىكىنىڭ تاراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن .
ئۇنىڭدىن باشقا ، مەكتەپلەر ئايرىم ۋاقىت بەلگىلەپ ، ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارغا يۇقۇملۇق زۇكام قاتارلىق نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغىرىسىدا تەشۋىق-تەربىيە ئېلىپ بارىدىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە