باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇشنى ھەقلىق قىلىشتا بىگۈناھلارغا زىيان يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش كېرەك(1)

2013.02.21 15:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا: 2014-يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ، دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن يېڭىدىن ئاسپىرانىتلىققا قوبۇل قىلىنغانلاردىن ئوقۇش راسخوتى ئېلىش قارار قىلىندى. بۇ تەدبىر جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تېزلىكتە قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. بەزى ئۈگەنچىلەرنىڭ ئوقۇش پۇلىنىڭ ھەقلىق بولۇشى تۈپەيلىدىن ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇشتىن ۋاز كەچمەكچى بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر توردا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى، تورداشلار بۇنىڭدىن ئەپسۇسلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى سياسەتنىڭ يولغا قويۇلىشىدىن ئەندىشە قىلدى. ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش ھەقلىق بولغاندىن كېيىن، مۇكاپاتلاش سىياسىتى سىستېمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بەك ئېتىۋارغا ئېلىنغان، ئانچە ئېتىۋارغا ئېلىنمايۋاتقان كەسىپلەرنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، پۇل مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ياشلارنىڭ ئىستىقبالىغا ئولتۇرۇپ قويماسلىق كېرەك.

  سىياسەتكە ئاساسەن، 2014-يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ، ھازىرقى باسقۇچتىكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئىلمىي ئۇنۋان ئاسپىرانتلىرىدىن ھەق ئېلىنىدۇ، پىرىنسىپ جەھەتتە ھەر يىلقى ماگىستىرلارنىڭ ئوقۇش پۇلى 8مىڭدىن يۈەندىن، دوكتۇرلرنىڭ ئوقۇش 10مىڭ يۈەندىن ئاشمايدۇ. كىشىنى خۇشاللاندۇردىغىنى شۇكى، دۆلەت شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاسپىرانت دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلىشنى، ھەر يىلى 45مىڭ ئاسپىرانتنى مۇكاپاتلاشنى ھەمدە ئاسپىرانتلار ئادەتتىكى مۇكاپات پۇلىنى دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىغا تەڭشەش، دۆلەت ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قەرز يۇقىرى چېكىنى ئۆستۈرۈش، پۇل ئىئانە قىلىپ مەكتەپلەرگە ياردەم بېرىشتەك ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى قارار قىلدى.

  دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشنى بىكار قىلىشى- ئاسپىرانتلاردىن «پىلان ئىچىدە ۋە پىلان سىرتىدا» ھەق ئېلىش قوش رېلىسلىق تۈزۈمنى بۈزۈپ تاشلاپ، ئوقۇش مۇكاپات تۈزۈمىنى ئىمتىھان ئارقىلىق ئۆمۈرلۈك ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇش ياكى ئۆزى پۇل چىقىرىپ ئوقۇشنى باھالاپ بېكىتىشنىڭ ئورنىغا دەسىتىدۇ. يۇقىرى سوممىلىق ئوقۇش مۇكاپات پۇلىدىمۇ بىر قىسىم ئۆگەنچىلەر ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇغاندەك مۇئامىلىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. ئەمما ھەممىلا كىشى يۇقىرى ئوقۇش مۇكاپاتى پۇلىغا ئېرىشەلمەيدۇ، بىر قىسىم ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار، ئوقۇش ئارزۇسى بار ئۆگەنچىلەر بۇ سىياسەت سەۋەبلىك توختاپ قىلىشى مۇمكىن.

  شۇڭلاشقا، ئاسپىرانتلىقنى ھەقلىق قىلىش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشتا «بىگۇناھ»لارنى زىيانغا ئۇچرىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. بۇ ئوقۇش ياردەم مۇكاپاتىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويىدۇ. مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە شارائىتىنى تەپسىلىي ئىگىلىشى، ئەھۋالى ئوخشىمايدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى ئوبيېكتىپ ئۆلچەم بويىچە بېكىتىشى، ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ۋە ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قەرز پۇلىنى تارقىتىشىنى تېخىمۇ ئاشكارا قىلىشى، تەپسىلىي، ئىنچىكە خىزمەتلەرنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

  
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە