باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىمارلار ئاۋال داۋالىنىپ، ئاندىن ھەل تۆلەيدىغان بولدى

2013.02.20 10:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى بېيجىڭ 19-فېۋرال خەۋىرى:بۇ يىل سەھىيە مىنىستىرلىقى «ئاۋال داۋالىنىش، ئاندىن ھەق ئېلىش» تۈزۈمىنى ئومۇمىيۈزلۈك قانات يايدۇردى. ئىلگىرى داۋالانغاندا بىمار ئۆزى ئالدى بىلەن ھەق تۆلەپ بولغاندىن كېيىن ئاتچوت قىلاتتى. ھازىر ئاۋال دوختۇرخانا ھەق تۆلەپ تۇرىدىغان بولدى. بىمار داۋالىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۆزى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ھەقنى تاپشۇرسىلا قالغان قىسمىنى داۋالاش كاپالىتى ئورۇنلىرى دوختۇرخانىغا تۆلەيدىغان بولدى.

  ئۇندىن باشقا، ئىلگىرى دوختۇرخانىدا داۋالىنىش ئۈچۈن بىر مۇنچە پۇل رەنىگە قويۇشقا توغرا كېلەتتى، ھازىر پەقەت «دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش خىراجىتىنى راسچوت قىلىش كېلىشىمى»گە ئىمزا قويسىلا بىمارلار دوختۇرخانىدا داۋالىنالايدىغان بولدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۈزۈم شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ قىسمەن دوختۇرخانىلىرىدا سىناق قىلىنغان. جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى مەلۇم ئۈچ A دەرىجىلىك دوختۇرخانىنىڭ ئالاقىدار خادىمى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاۋال داۋالانغاندىن كېيىن ئاندىن ھەق تۆلەش تۈزۈمىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشى بىمارلارنىڭ راسچوت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىش بىلەن بىرگە، دوختۇرخانىلارنىڭ بىمارلارنى داۋالىشىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى قويدى. چۈنكى بۇ تۈزۈمنىڭ ئومۇملىشىش دائىرىسىدە بەلگىلىك چەكلىمە بولغاچقا، كونكىرىت ئومۇملاشتۇرۇش ئىجرا قىلىش جەريانىدا يەرلىك بىمارلار ياكى سىرىتتىن كەلگەن بىمارلار داۋالانغاندا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى راسچوت تورى قاتارلىق كونكىرىت مەسىلىلەرگە يولۇقىشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ تۈزۈمنى ئومۇملاشتۇرۇش جەريانىدا تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە