باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت دورا نازارىتى ئىدارىسى ‹‹بەيدۇ›› شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ساختا دورىلارغا زەربە بېرىدۇ

2013.02.28 13:34         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  25-فېۋرال ، دۆلەت يېمەكلىك ۋە دورىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن ‹‹بەيدۇ›› شىركىتى بېيجىڭدا بىخەتەر دورا ئىشلىتىش بويىچە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى . ‹‹بەيدۇ ›› ئىزدەش تورى دۆلەت دورا نازارىتى ئىدارىسىنىڭ دورا سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ، دورا چۈشەندۈرمىسى نۇسخىسى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ۋە ئېتىراپ قىلىنغان تور دورا دۇكىنى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى مەنبەسى ئارقىلىق ئاممىنى نوپۇزلۇق دورا ۋە دورا دۇكىنى ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ .

  دۆلەت دورا نازارىتى ئىدارىسى ‹‹بەيدۇ›› شىركىتىگە ئېچىۋەتكەن دورا سانلىق مەلۇمات ئامىبرى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان ياكى ئىمپورت قىلىنغان 180 مىڭ خىلدىن ئارتۇق دورىنىڭ تۈرلۈك ئۇچۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ؛ دورا چۈشەندۈرمىسى نۇسخىسى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى بولسا 6000 خىلدىن ئارتۇق رېتسېپسىز(OTC) خىمىيەۋىلىك دورا ، شۇنداقلا جۇڭيى دورىلىرىنىڭ چۈشەندۈرمە نۇسخىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بۇنىڭدىن كېيىن ، كىشىلەر ‹‹بەيدۇ ›› ئىزدەش تورى كاتەكچىسىگە دورىنىڭ خىمىيەلىك ئاتالغۇسى ياكى تاۋار نامىنى كىرگۈزۈپ ، چىققان ئىزەش نەتىجىسىدىكى بىرىنچى تۈر ‹‹دۆلەت يېمەكلىك ۋە دورىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى تەستىقلىغان دورا ئۇچۇرلىرى ‹بەيدۇ› دورا ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرۈش ›› نى باسسىلا ، ئىزدىمەكچى بولغان دورىنى ئىشلەپچىرىقىرىشقا ئىجازەت بېرىلگەن كارخانا ، تەستىقلانغان ھۆججەت نومۇرى ، شۇنداقلا دورىنىڭ چۈشەندۈرمىسى قاتارلىق ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالايدۇ .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە