باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يېڭى بىر نۆۋەتلىك گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىدا قانداق سىگناللار چىقىرىلدى؟(2)

2013.02.27 15:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


  ئەمما گەپنى يوشۇرۇشنىڭ ھاجى يوق، مەمۇرى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا يەنىلا چوڭ بوشلۇق بار بولۇپ، ئىدىيە ھالىتى شۇنداقلا ئاممىنىڭ ئارزۇسى بىلەن نۇرغۇن پەرق بار. بىر قىسىم يېڭى «چوڭ مىنستىرلىق كومىتېتلار»دا بىرگە بىرنى قوشساق ئىككىدىن چوڭ بولۇشتەك ئىسلاھات ئىشقا ئاشمىدى. ئالايلۇق،«بەك ئىنچىكە بولۇش»تەك باشقۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئالاھىدە مەنپەئەت گۇرۇھى يەنىلا مەمۇرى ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشتىكى توسالغۇ بولماقتا. مېۋە يايلاقتا ئۆسكەن بولسا يېزا ئىگىلىك مىنستىرلىقى، دەرەختە ئۆسكەن بولسا، ئورمانچىلىق مىنستىرلىقى، سۇغا مۇناسىۋەتلىك بولسا سۇچىلىق مىنستىرلىقى باشقۇرۇش» ئۇسۇلى يەنىلا ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت ، يەنە ئالايلۇق، «باشقۇرۇش ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش» ھادىسىلىرى ئۇزاق مۇددەت مەۋجۇت بولدى، نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تولۇق بولماسلىق، خاتا بولۇپ قىلىش ياكى دائىرىسىدىن چەتنەش قىيىنچىلىقلىرى دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ، سەككىز تارماق بىر چارۋىنىمۇ ياخشى باشقۇرالماسلىقتەك ئوڭايسىزلىقتا تېخى ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بولمىدى.

  شۇنداق بولغاچقا، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئاپپاراتلارنى تەڭشەش ۋە سەرخىللاشتۇرۇش مەسىلىسى ئىزچىل جامائەتچىلىكنىڭ دىققەت قىلىشى ۋە قىياسىنى قوزغىدى. گەرچە ھازىرقى ئاشكارىلانغان ئۇچۇرغا قارىغاندا، بۇ قېتىمقى ئاپپارات ئىسلاھاتىنىڭ ئاساسلىق رامكىسى ۋە كونكىرىت تەپسىلاتى تېخى ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئەمما شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ماقالىسىدىكى «فۇنكسىيەدە بۇرۇلۇش ياساش»، «ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىش» قاتارلىق ھالقىلىق سۆزلىرىدىن قارىغاندا، بۇ قېتىمقى ھۆكۈمەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىدا ئالدىنقى نەچچە قېتىملىق ئىسلاھات يولى يەنە داۋاملاشتۇرۇلىدىكەن. « ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىش» دېگىنىمىز- ھۆكۈمەت ئارزاق ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىش، ھۆكۈمەت بەك كۆپ باشقۇرغانلىرىنى قىسقارتىش؛ بازار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ياخشى قىلغان ئۇلارغا ھوقۇقنى بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. ئىسلاھاتنىڭ چوڭ يۆنىلىشى بولغان « كىچىك ھۆكۈمەت، چوڭ جەمئىيەت» ئىسلاھات يولىنى يۈزەكى جەھەتتىن قارىغاندا، نۇرغۇن جەھەتتىكى ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ تاماق قاچىسىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىك، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئىسلاھات- ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ بىر خىل يېڭىلىنىشى بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشتا بەك ئىنچىكە بولۇپ كېتىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، تامامەن ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، باشقىلىرىنى قويۇۋېتىش، قويۇۋېتىشكە جۈرئەت قىلىش، نۇرغۇن خىزمەتنى جەمئىيەت كۈچلىرىگە، كارخانىلارنىڭ قىلىشىغا ئۆتۈنۈپ بېرىش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپلا قالماستىن يەنە ھوقۇقى بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئەلئارىسىدا ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر چالمىدا بىر قانچە پاختەكنى سوققىلى بولىدۇ.

  23-فېۋرال سىياسىي بىيۇرو يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: مەمۇرى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى- يۇقىرىنىڭ ئىقتىساد ئاساسىغا ماس كېلىشكە تۈرتكە بولۇشنىڭ زۆرۈر تەلىپى، مۇشۇنداق يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەمۇرى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يۈكسەك چۈشەندۈرۈشنىڭ رېئال ئەھمىيىتى كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئۈمىد بېغىشلايدۇ. جۇڭگوچە مەمۇرى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا قانداق قىلىپ، «ئەلا سۈپەتلىك، كۈچلۈك، پاك ھۆكۈمەت قۇرغىلى بولىدۇ؟ مەمۇرى ئۈنۈم ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئېڭىنى ئۆستۈرۈشتە پايدا گۇرۇھىنىڭ ۋايىزلىقى ۋە ئاۋارىچىلىقىنى يېڭىپ، ئىخچاملاش- قايتىدىن كۆپەيتىش، يەنە ئىخچاملاش، يەنە قايتىدىن كۆپەيتىشتەك» تارىخى قانۇنىيەتنى بۇزۇپ تاشلاشقا غايەت زور ئىرادە، جاسارەت كېتىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە