مېيگۇڭ دەرياسى پاجىئەسىنىڭ باش جىنايەتچىسى نوكاڭنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئەتە ئىجرا قىلىنىدۇ
2013.02.28 15:58 مەنبە: خەلق تورى
تۈنۈگۈن مۇخبىرنىڭ كۈنمىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەھقىقلەپ تەستىقلىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، مېيگۇڭ دەرياسىدا يۈز بەرگەن «5-ئۆكتەبىر» دېلوسىدىكى نوكاڭ، ساڭكاڭ جاسا، يىلەي، جاشىكا قاتارلىق تۆت جىنايەتچىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئەتە يۈننەن كۈنمىڭدا قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىنىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە