باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو مىسىردىن ئىسسىق ھاۋا شارىنىڭ پارتلاش سەۋەبىنى تېزدىن ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلدى

2013.03.01 14:19         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لۇكسور، 27 – فېۋرال تېلېگراممىسى. جۇڭگونىڭ مىسىردىكى باش ئەلچىخانىسى كونسۇل بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاڭ باۋچى بۈگۈن لۇكسور ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ئىسات سائاد بىلەن كۆرۈشۈپ، مىسىردىن ئالدىنقى كۈنى يۈزبەرگەن ئىسسىق ھاۋا شارى پارتلاش ۋەقەسىنىڭ سەۋەبىنى تېزدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى، زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مىسىر تەۋەلىكىدىكى جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  جاڭ باۋچى مۇنداق دېدى: ‹‹جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم جۇڭگولۇقلارنىڭ قازا قىلىش ۋەقەسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسىنى قاھىرەگە ئەۋەتتى، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىمۇ شياڭگاڭدىن مىسىرگە كېلىپ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىۋاتىدۇ، مىسىرنىڭ تېزدىن ھەرىكەت قوللىنىپ، ۋەقەنىڭ سەۋەبى ۋە ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەرنى تەكشۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.››

  سائاد ئالدى بىلەن بارلىق قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى، بۇ ۋەقەنىڭ ئىسسىق ھاۋا شارى تۈرى لۇكسورغا ماكانلاشقاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم كۆرۈلگەن ساياھەتچى قازا قىلىش ۋەقەسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ھەم مىسىر ھۆكۈمىتى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاشنى باشلىدى، لۇكسور تەپتىش مەھكىمىسىمۇ جىنايى ئىشچلار بويىچە تەكشۈرۈشنى باشلىدى، دېدى.

  سائاد ئىككى ھەپتىدىن ئۈچ ھەپتىگىچە ئاخىرقى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى ھەم جۇڭگونىڭ توغرا چۈشىنىشىنى، بۇ ۋەقە سەۋەبلىك جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ مىسىرگە كېلىپ ساياھەت قىلىش قىزغىنلىقىنىڭ سۇسلىشىپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما: مىسىردا ئىسسىق ھاۋا شارى پارتلاپ 19 ساياھەتچى قازا قىلدى

مىسىردا قازا قىلغان توققۇز شىياڭگاڭلىق ساياھەتچىدىن ئالتە كىشى ساياھەت سۇغۇرتىسى تۆلىمىگە ئېرىشەلمەيدۇ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە