باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش يېتەكچىسى» ــــ دالاي گۇرۇھىنىڭ تۇيۇق يولدىكى غالجىرلىقى

2013.03.01 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. يېقىندا دالاي گۇرۇھى ئىنتېرنىت تورىدا «ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش يېتەكچىسى» دېگەن بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، چېگرا ئىچىدىكى زاڭزۇلارنى «ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىشنى پىلانلىق ۋە قەدەم باسقۇچلۇق يولغا قويۇش»قا ئوچۇق-ئاشكارا قۇتراتتى. «ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش يېتەكچىسى» دېگەن بۇ ماقالىدىكى ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىشتىن ئىبارەت بۇ قەبىھ ھەرىكەتنى پىلانلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى پۇزىتسىيەنىڭ تەمكىنلىكى، ئويلىنىشنىڭ ئەتراپلىقلىقىدىن، بۇ ماقالىنىڭ دالاي گۇرۇھىدىكىلەرنىڭ نۇرغۇن داۋراڭ ۋاسىتىلىرى ئىچىدە ئالاھىدە «سالماق»قا ئىگە ئىكەنلىكى مەلۇم بولۇپ، كىشىلەرنىىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى.

  ماقالىنىڭ شەخسىي نامدا ئېلان قىلىنىشى پەقەت جاھان ئەھلىنىڭ «قاچاق ھۆكۈمەت»نى ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىشقا ئاشكارا قۇتراتقۇلۇق قىلدى دەپ ئەيىبلىشىدىن ساقلىنىشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئۆزىدىن مەلۇم.

  دالاي گۇرۇھىنىڭ «ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش يېتەكچىسى» ئارقىلىق ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش ۋەقەلىرىنى تېخىمۇ كۆپلەپ كەلتۈرۈپ چىقىرىش قەستىدە بولۇپ، ئۇنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھېسىداشلىقىنى قوزغاشقا دەستەك قىلغانلىقى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دالاي گۇرۇھىنىڭ قەبىھ ۋە غالجىر ماھىيىتىنى يەنىمۇ تونۇپ يېتىشىگە يېتەرلىك، شۇنداقلا دالاي گۇرۇھىنى قوللىغان بەزى غەرب كۈچلىرىنى دەككە-دۈككىگە سالىدۇ.

  گەنسۇ جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى دالاي گۇرۇھى تەشكىللىگەن ۋە پىلانلىغان ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش چاتما دېلوسىنى پاش قىلدى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە