مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە بېيجىڭدا يوللار قامال قىلىنمايدۇ
2013.03.01 15:50 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، بېيجىڭ شەھەرلىك قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى باشقۇرۇش شەكلىنى يېڭىلايدىكەن. نۆۋەتتە ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، يىغىن مەزگىلىدە بېيجىڭ شەھرىدە «يولنى قامال قىلىش، ساقچى ئاپتوموبىلى يول باشلاش» توختىتىلىپ، «قاتناشنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش ئارقىلىق يول ئېچىش» تەدبىرى يولغا قويۇلىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە