باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2012–يىللىق ھۆكۈمەت ئىستىلى، كەسىپ ئىستىلىنى دېموكراتىك باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى (1)

2013.03.01 14:12        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باھالانغۇچى ئورۇنلارنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى باھالاش نەتىجىسى سىرتنىڭكىدىن يۇقىرى بولدى، ئىز قوغلاپ تەكشۈرگۈچى ئورۇنلار زور كۈچ سەرپ قىلىپ تۈزەتتى

  جاۋ جىيۈن خەۋىرى: 26 – فېۋرال ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق 2012 – يىللىق ھۆكۈمەت ئىستىلى، كەسىپ ئىستىلىنى دېموكراتىك باھالاش يىغىنىدىن ئىگىلىشىمچە، ئۆتكەن يىلى ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلۇش بانكىسى شىنجاڭ تارماق بانكىسى، جۇڭگو بىرلەشمە ئالاقىچىلىكى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ ھۆكۈمەت ئىستىلى، كەسىپ ئىستىلى قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى باھالىغان. ئاپتونوم رايونلۇق جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە ئەل رايىنى تەكشۈرۈش مەركىزى ئىككى ئورۇننىڭ ھۆكۈمەت ئىستىلى ۋە كەسىپ ئىستىلى قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى بويىچە تەكشۈرگەن. ئومۇمىي تەكشۈرۈپ باھالاش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئىچكى قىسىمدىكى باھالاش نەتىجىسى سىرتنىڭكىدىن يۇقىرى بولغان.

  2012 – يىللىق ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى تەكشۈرۈپ باھالاشتا باھالانغۇچى ئورۇنلاردىكى كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرى ئاساس قىلىنغان بولۇپ، كومپيۇتېرنىڭ قوشۇمچە تېلېفون سىستېمىسى(CATI)دىن پايدىلىنىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈش ۋە سوئال قەغىزى تارقىتىپ يۈز تۇرا تەكشۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر قوللىنىلغان. تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، قۇرۇلۇش بانكىسى شىنجاڭ تارماق بانكىسىنىڭ ئاممىنى ئۇنىۋېرسال رازى قىلىش دەرىجىسى 82.56 بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە شۇ ئورۇندىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى 90.77، مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى 74.34 بولغان؛ جۇڭگو بىرلەشمە ئالاقىچىلىكى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ ئاممىنى ئۇنىۋېرسال رازى قىلىش دەرىجىسى 79.94 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شۇ ئورۇندىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى 89.18، مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى 70.70 بولغان.

  ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت ئىستىلى ۋە كەسىپ ئىستىلىنى دېموكراتىك باھالاش گۇرۇپپىسى مۇنداق قارىدى: ئىككى ئورۇندا ساقلانغان ئاساسلىق مەسىلە شۇكى، قۇرۇلۇش بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسىنىڭ قىسمەن تور نۇقتىسى خادىملىرى كەسىپكە پىششىق ئەمەس، كەسىپتە خاتالىق كۆرۈلۈش ئەھۋالى مەۋجۇت، مۇلازىمەت تەپسىلاتى، مەدەنىي ئىبارىلەرنى ئىشلىتىش قاتارلىق ھالقىلاردا ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك جايلىرى بار. قىسمەن ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ ئاساسىي قاتلام تور نۇقتىلىرىدىكى ATM ئۈسكۈنىسى ئۇزاق ۋاقىت ئىشلىتىلگەنلىكتىن، كارتىنى يۇتۇۋېلىش ۋە پۇل قىسىۋېلىش ھادىسلىرى دائىم يۈز بەرگەن. بىرلەشمە ئالاقىچىلىكى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ كارخانا ئوبرازى ۋە كەسپىي مۇلازىمىتىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. مەسىلەن: 3G كەسپىي مۇلازىمىتىدە چوڭراق ئابۇنىچىلارغا كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئادەتتىكى ئابۇنىچىلارغا قارىتىلغان تەشۋىقات كۆرۈنەرلىك كەينىدە قالغان. تىجارەت زالىدىكى قىسمەن خادىملارنىڭ كىيىنىشى ئۆلچەملىك بولماسلىق ياكى مەدەنىي ئىبارىلەرنى ئىشلەتمەسلىك، مۇلازىمەت پوزىتىسيەسىدە ‹‹قوپال، قاتتىق، سوغۇق بولۇش ۋە رەت قىلىش›› ھادىسلىرى مەۋجۇت.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە