باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھەربىي ئاپتوموبىللارنىڭ نومۇر تاختىسى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇلىدۇ

2013.03.01 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن ئارمىيە بويىچە ئاپتوموبىللارنىڭ نومۇر تاختىسى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇلىدىكەن. قانۇن-نىزام ۋە تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قوللىنىش، تەستىقلاش ۋە باشقۇرۇش-تىزگىنلەش ھالقىسىنى چېڭىتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىلمەيدىغان ئاپتوموبىل، ئېسىل پىكاپلارغا ھەربىي ئاپتوموبىللارنىڭ نومۇر تاختىسىنى ئېسىش قىلمىشىنىڭ يەنىمۇ ئالدى ئېلىنىدىكەن، ھەربىي ئاپتوموبىل نۇمۇر تاختىسىنى يالغان ئېسىۋېلىش، قالايمىقان ئېسىش، ئوغرىلىقچە ئىشلىتىش، يۈتتۈرۈپ قويۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىدىكەن. (مۇخبىر سۇ يىنچېڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە