باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ليەنيۈنگاڭ قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ جىڭ ناھيەسى بۆلىكىدە سەككىز ماشىنا ئۆز ئارا سوقۇلۇپ كېتىپ ئىككى ئادەم قازا قىلىپ 74 ئادەم يارىلاندى

2013.03.01 13:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  27-فېۋرال سائەت 22دىن ئون مىنۇتلار ئۆتكەندە، ليەنيۈنگاڭ ـ قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ G30 لىنيەسىدىكى 3936 كىلومېتىر + 800 مېتىرلىق بۆلىكىدە (تولى ھەق يىغىش پونكىتىنىڭ شەرقىدىن 14 كىلومېتىر ئارىلىقتا، شىنجاڭ جىڭ ناھيە چېگرىسى ئىچىدە) سەككىز ماشىنا سوقۇلۇپ كەتكەن، ماشىنىدا جەمئىي 96 ئادەم بار بولۇپ، ۋەقەدە ئىككى ئادەم قازا قىلغان، 74 ئادەم ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلانغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ كىشىنىڭ يارىسى ئېغىر.

  ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، يەرلىكتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئوت ئۆچۈرۈش، قاتناش، داۋالاش قاتارلىق ئورۇنلار ۋاقتىدا نەق مەيدانغا بېرىپ بىر تەرەپ قىلغان، 28-فېۋرال سەھەر سائەت 4:00تە، بارلىق يارىدارلار جىڭ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ۋە بىڭتۇەن 5-دىۋىزىيەسى دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىلغان، يارىلانمىغان يولۇچىلارمۇ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

  نۆۋەتتە، يەرلىكتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئوت ئۆچۈرۈش، قاتناش، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش، خەلق ھۆكۈمىتى قاتارلىق ئورۇنلار مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، نەق مەيداندىن ئىسپات ئېلىش، يارىدارلارغا تەسەللىي بېرىشتەك ئالاقىدار خىزمەتلەرنى بىر تەرەپ قىلماقتا. (مۇخبىر ۋاڭ چيەنشى، ئىختىيارىي مۇخبىر دىڭ چاۋلەن، شېن يى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە