باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى دېموكراتىك كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى

2013.03.01 16:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-مارت بېيجىڭ خەۋىرى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى 28-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن جۇڭنەنخەينىڭ خۇەيرېنتاڭ زالىدا دېموكراتىك كېڭىشىش يىغىنى ئېچىپ، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئورگانلىرىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە فۇنكسىيەسىدە بۇرۇلۇش ياساش، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىغا كۆرسىتىدىغان دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىك نامزاتلىرى تەكلىپ ئىسىملىكى ۋە سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىغا كۆرسىتىدىغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەھبەرلىك نامزاتلىرى تەكلىپ ئىسىملىكى ھەققىدە ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيە-گۇرۇھسىز ئەربابلارغا ئەھۋاللارنى ئۇقتۇرۇپ، پىكىرلىرىنى ئالدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى-يۇقىرى قاتلام قۇرۇلمىسىنىڭ ئىقتىسادقا ئۇيغۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش ئاساسىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ نىشانى. 30 نەچچە يىل ئېلىپ بېرىلغان ھەم مۇھىم نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلگەن مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرىدىغان تۈزۈلمە، مېخانىزم نۇقسانلىرىنى تۈگىتىش كېرەك. جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيىدا، ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئومۇملۇقى چىقىش قىلىنىپ، مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تەلەپ ھەم ۋەزىپىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەمۇرىي تۈزۈلمە نىشانىنى ئورنىتىپ، مەمۇرىيەت بىلەن كارخانا، ھۆكۈمەت بىلەن مۈلۈك باشقۇرۇش، مەمۇرىي ئورۇنلار بىلەن كەسپىي ئورۇنلار، ھۆكۈمەت بىلەن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى ئايرىپ، فۇنكسىيەسى ئىلمى، قۇرۇلمىسى سەرخىل، پاك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، خەلق رازى بولىدىغان مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇش تەكىتلەندى. دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئورگانلىرىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە فۇنكسىيەسىدە بۇرۇلۇش ياساش-مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ، شۇڭا ئالدى بىلەن چىڭ تۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋەزىپىلەرگە ئاساسەن، چوڭقۇر تەكشۈرۈش تەتقىق قىلىش، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىش ئاساسىدا، «دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئورگانلىرىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە فۇنكسىيەسىدە بۇرۇلۇش ياساش لايىھەسى» شەكىللەندۈردى. جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيى 2-ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغاندىن كېيىن، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىگە 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش تەكلىپى بېرىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ كادىرلار ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، بولۇپمۇ يۇقىرى قاتلام كادىرلىرىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش-مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننى ياخشى ئېچىشتىكى بىر ئەڭ مۇھىم خىزمەت، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، نامزات شەرتلىرىنى ئەتراپلىق ئويلىشىش، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ قۇرۇلما تەلىپى ۋە خىزمەت ئېھتىياجى ئاساسىدا، تەكلىپ ئىسىملىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىندا، لى كېچياڭ «دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئورگانلىرىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە فۇنكسىيەسىدە بۇرۇلۇش ياساش لايىھەسى»گە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئۇقتۇردى. ليۇ يۈنشەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىك نامزاتلىرى تەكلىپ ئىسىملىكىگە ئىزاھات بەردى.

  جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن ئېشياڭ، جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جاڭ باۋۋېن، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى چېن چاڭجى، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى يەن جۈەنچى، جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى چېن جۇ، جۇڭگو ئادالەتپەرۋەرلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن گاڭ، 3-سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خەن چىدې، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى لىن ۋېنيى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ۋاڭ چىنمىن، پارتىيە-گۇرۇھسىز ئەربابلار ۋەكىلى خاۋ رۇيۈ قاتارلىقلار سۆز قىلدى. ئۇلار مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: «دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئورگانلىرىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە فۇنكسىيەسىدە بۇرۇلۇش ياساش لايىھەسى»دە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەھبەرلىك نامزاتلىرى ئىسىملىكىگە كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىنغان بولۇپ، ئەتراپلىق كېڭىشىش ئاساسىدا ۋۇجۇدقا چىققان، بۇنىڭدا جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى ۋەزىپىلىرىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، بىر قەدەر ئەتراپلىق ئويلىشىلغان، بىز بۇنى ھىمايە قىلىمىز ۋە قۇۋۋەتلەيمىز شۇنداقلا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئورگانلىرىنى ئىسلاھ قىلىش ھەم فۇنكسىيەسىدە بۇرۇلۇش ياساشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پىكىر، تەكلىپ بېرىمىز.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە