باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن رۇسىيەنىڭ نوپۇسى كۆپىيىشكە يۈزلەندى، دېدى

2013.03.01 14:16         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، موسكۋا، 26 – فېۋرال تېلېگراممىسى. رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بۈگۈن زۇڭتۇڭ ئالدىن ئويلىشىدىغان دۆلەت تۈرلىرى ۋە نوپۇس سىياسىتى كومىتېتى يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ‹‹ئۆتكەن يەتتە يىلدا رۇسىيەنىڭ نوپۇسى كۆپىيىشكە يۈزلەندى.››

  رۇسىيە زۇڭتۇڭ تور بېكىتى شۇ كۈنى پۇتىننىڭ يۇقىرىقى سۆزىنى تولۇق تېكىستى بىلەن ئېلان قىلدى. پۇتىن مۇنداق دېدى: ‹‹رۇسىيە خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، نوپۇس يەنىلا كۆپىيىۋاتىدۇ، ئىككى ۋە ئۈچ پەرزەنت كۆرگەن ئائىلىلەر كۆپەيدى. بىراق روسىيەنىڭ كەلگۈسى ئون يىلدىكى نوپۇس ۋەزىيىتىدىن يەنىلا ئۈمىد كۈتۈپ كەتكىلى بولمايدۇ.››

  پۇتىن مۇنداق دېدى: ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى 2000 – يىلى رۇسىيە نوپۇسى 133 مىليونغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن، دەپ مۆلچەرلىگەنىدى، ئەمما ئەمەلىي ئەھۋال ئۇلارنىڭ مۆلچەرىدەك بولمىدى، بىر قاتار نوپۇسنى كۆپەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن، ھازىر رۇسىيەنىڭ نوپۇسى 143 مىليونغا يېتىپ، ئۇلارنىڭ مۆلچەرىدىكىدىن 10 مىليون ئېشىپ كەتتى، بۇ رۇسىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا زور نەتىجە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە