- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


«خاسىيەتلىك كېمە-10» بۇ يىل يازدا مۇۋاپىق پەيتتە قويۇپ بېرىلىدۇ
2013.03.01 16:19 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى.جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى 28-چېسلا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئېلىمىز بۇ يىل «ئەرش ئوردىسى-1» بىلەن «خاسىيەتلىك كېمە-10»نى ئادەملىك قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنى يولغا قويۇپ، ئادەملىك ئالەم ئۇچقۇلىرىنى قويۇپ بېرىش-قايتۇرۇپ كېلىش، توشۇش سىستېمىسى بويىچە تۇنجى قېتىم ئەمەلىي قوللىنىشچان قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنى قانات يايدۇرىدۇ. ۋەزىپە پىلانى بويىچە، «خاسىيەتلىك كېمە-10» بۇ يىل 6-ئايدىن 8-ئايغىچە ئەپلىك بىر پۇرسەتتە جيۇچۇەن سۈنئى ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدىن قويۇپ بېرىلىدۇ، ئۈچ نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىسى بۇ ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ، ئوربىتىسىدا ئۇچۇۋاتقان نىشان ئۇچقۇ «ئەرش ئوردىسى-1» بىلەن ئادەملىك ئۇچراشتۇرۇش-ئۇلاشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە