باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئېكولوگىيەلىك دەپنە قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى

دېڭىزغا، ئورمانلىققا دەپنە قىلىش خىراجىتىنى ھۆكۈمەت كۆتۈرىدۇ

2013.03.01 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئېكولوگىيەلىك دەپنە قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك، جايلار ئۆز ئەمەلىيىتىگە قاراپ ئىش كۆرۈپ، مېيىت كۈلىنى دېڭىزغا چېچىش، ئورمانلىققا دەپنە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، مېيىت كۈلىنى ساقلىمايدىغانلارنىڭ دېڭىزغا دەپنە قىلىش خىراجىتىنى كۆتۈرۈۋېتىش ئارقىلىق ئېكولوگىيەلىك دەپنە قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈشى ھەمدە مېيىتنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى مۇكاپاتلاشنى يولغا قويۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى قەبرىستانلىقلاردا ئېكولوگىيەلىك جامائەت قەبرىستانلىقى رايونى ئېچىپ، مېيىت كۈلىنى دەپنە قىلىش مۇلازىمىتىگە ئېلىنىدىغان ھەقنى كۆتۈرۈۋېتىش ياكى ئازايتىش، ئاممىنى قەبرىگە دەپنە قىلىش ۋە قەبرە تېشى تىكلەشتىن ۋاز كېچىشكە يېتەكلەش كېرەك.

  ئۆتكەن يىلى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى «خەلققە پايدىلىق دەپنە سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى تارقىتىپ، 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىش رايونلىرىدا ئاساسىي دەپنە مۇلازىمىتى كاپالەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي دەپنە مۇلازىمىتى ھەققىنى ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئېلىشنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە