باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىلىپپىن پىرېزىدېنتى: سابا ۋەقەسى بىر سۇيىقەست

2013.03.05 15:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:فىلىپپىن پىرېزىدېنتى ئاكىنو ئۈچىنجى 4-مارت مۇنداق دېدى: سابا ۋەقەسى سۇيىقەست، مالايسىيە ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلغاندا ئۆزىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۇتىۋېلىشى كېرەك.

  فىلىپپىن پىرېزىدېنتى سۇلتان سۇلۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، سابادا تېخىمۇ كۆپ قانلىق ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشدىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مالايسىيا ئەمەلدارلىرىنىڭ سابادا تۇرۇشلۇق 800 مىڭ فىلىپپىنلىكنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  بۇ يىل 2-ئايدا ئۆزلىرىنى سۇلۇ سۇلتانلىقى خانلىق بىخەتەرلىك قىسمى دەپ ئاتىۋالغان نەچچە يۈز فىللىپىنلىك پاراخوتقا ئولتۇرۇپ فىلىپپىننىڭ جەنۇبىدىن مالايسىيانىڭ ساباغا كىرگەن. سۇلتان سۇلۇنىڭ بۇ ئەگەشكۈچىلىرى ماللايسىيەدىن ئەجدادلىرىنىڭ زېمىنى تەلەپ قىلغان، ھەمدە شۇ يەردىكى ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە