باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>2013. ئىككى يىغىن>>سىياسىي كېڭەش خەۋەرلىرى

مەركەز رەھبەرلىرى سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئەزالارنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى(1)

2013.03.05 09:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى، پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى.
  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-مارت بېيجىڭ خەۋىرى: پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۇ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلىلار 4-مارت سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ1-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئەزالارنى يوقلىدى ھەمدە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرگە دۆلەت ئىشلىرى ھەققىدە كېڭەشتى.

  پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى، پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە گەن يوڭ، ۋاڭ گۇاڭچيەن، ليۇ جيەن، گەن شياۋخۇا، لى ۋېيدۇ، ۋەن جيەنمىن قاتارلىق ئەزالار بەس بەستە سۆز قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ پەن تېخنىكا ئىشلىرى تەرەققىياتى قاتارلىق مەسىلىلەردە پىكىر بايان قىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بىر تەرەپتىن ئاڭلاپ، بىر تەرەپتىن ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇردى، شى جىنپىڭ 11 ئەزانىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى ئومۇملۇق كۆزلەنگەن، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن مۇھىم ئىستراتېگىيە، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىدا بۇرۇلۇش ياساش قەدىمىنى تېزلىتىش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتى كۈچنى ئاشۇرۇشتىكى تۈپ تەدبىر. كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان يەر شارىنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى رىقابىتىدە، جۇڭگوچە مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، پەن تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، پەن تېخنىكىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى ئاساس قىلىشتىن يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا بۇرۇلۇش ياساش، ئىقتىساددا چوڭ دۆلەتتىن، ئىقتىساددا كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك، پەن تېخنىكا ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلارغا رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان، كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان كەڭ بوشلۇق يارىتىپ بېرىپ، ئىختىساسلىقلارنى ئۆزىنىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە كۈچىنى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلىشقا بېغىشلاشقا ئىلھاملاندۇرۇش لازىم،

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى بىرىنچى يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى يۇ جېڭشېڭ مۇزاكىرىگە قاتناشتى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر