باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>2013. ئىككى يىغىن>>سىياسىي كېڭەش خەۋەرلىرى

مەركەز رەھبەرلىرى سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئەزالارنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى(2)

2013.03.05 09:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش مىنىستىر لى كېچياڭ ئىقتىساد، يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى.
  ئىقتىساد، يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا، ئەزالار ئارقا-ئارقىدىن سۆز قىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش مىنىستىر لى كېچياڭ كۆپچىلىك بىلەن قىزغىن پىكىر ئالماشتۇردى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى؛ ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئىقتىساد، يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ قان-تەرى، ئەقىل-پاراسىتىمۇ سىڭگەن، يېڭى خېيىم-خەتەرلەر يەنە پەيدا بولماقتا، ئىچكى تەرەققىيات دۇچ كەلگەن زىددىيەتلەرمۇ ناھايىتى كۆپ. بىز نۆۋەتتىكى ئەھۋالغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش، يىراق كەلگۈسىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپتىن كۈچ چىقىرىپ، مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى تەلەپنى كۆرۈنەرلىك كېڭەيتىپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بازارنىڭ رولى ۋە سىياسەتنىڭ تۈرتكىسىدىن ئوبدان پايدىلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش ۋە رىقابەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىمىز؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەرەققىياتقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان، ھاياتىي كۈچكە تەسىر كۆرسىتىدىغان چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەرنى كۈچ چىقىرىپ ھەل قىلىپ، ئاشۇرۇشى سۈپەتلىك، كارخانا ئۈنۈملۈك، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلايدىغان ساغلام تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق مەھسۇلاتى ئۇدا توققۇز يىل ئاشتى، يېزا ئىگىلىكنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەشكە تېخىمۇ تېرىشىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار خىزمىتىنى بوشاشتۇرۇپ قويماسلىقىمىز لازىم. يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارنى بېيىتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە