باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>2013. ئىككى يىغىن>>سىياسىي كېڭەش خەۋەرلىرى

مەركەز رەھبەرلىرى سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئەزالارنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى(4)

2013.03.05 09:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ رىياسەتچىسى يۈ جىڭشىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى ساھەسىنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى.
  جۇڭگو كومپارتىيەسى ساھەسىنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا، ئەزالار ئېچىلىپ يېيىلىپ سۆزلەپ، ئاكتىپ پىكىر بايان قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ رىياسەتچىسى يۈ جىڭشىڭ ئەزالارنىڭ دوكلاتىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە مۇزاكىرە قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، خەلق سىياسىي كېڭىشى جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سىياسىي تەشكىلات ۋە دېموكراتىك شەكىل. زور مەسىلىلەردە سىياسىي قارار چىقىرىشتىن ئىلگىرى ۋە قارار چىقىرىش جەريانىدا، خەلق سىياسىي كېڭىشىدە كېڭەشتىن ئۆتكۈزۈش، سىياسىي قارارلارنى ئىلمىي دېموكراتىيەلەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ خوجايىنلىق ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، شۇنداقلا پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ ھەر تۈرلۈك فاڭجېن سىياسەتلىرىنى بىردەك ئىجرا قىلىشتا مۇھىم رولى بار.

  يۈ جىڭشىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى، نۆۋەتتە خەلق سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى. جۇڭگو كومپارتىيەسى ساھەسىدىكى ئەزالار پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى، 18-قېتىملىق 2-ئومۇمىي يىغىن ۋە باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ئاكتىپ ئادا قىلىپ، پىكىر تەكلىپ بېرىپ، خەلق سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك ھەسسە قوشۇشى كېرەك. ئۆگىنىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، فۇنكسىيە ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاساسلىق خىزمەتلىرى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشى كېرەك. پارتىيە سىرتىدىن كەڭ دوست تۇتۇپ، ئىدىيە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، دۆلەت ئىشلىرىغا بىرلىكتە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. ئۆزىنىڭ ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىنىڭ لۇشيەن فاڭجېن سىياسەتلىرىنىڭ خەلق سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىدا ئەمەلىيلىشىشى ۋە ئىزچىللىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە